大数跨境

تېسلا ئىش قىلالايدىغان ماشىنا ئادەم ياسىدى، ئەمدى ئىشسىزقالامدۇق

تېسلا ئىش قىلالايدىغان ماشىنا ئادەم ياسىدى، ئەمدى ئىشسىزقالامدۇق EMINBIZ
2021-08-28
0


بېيجىڭ ۋاقتى 20-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان« تېسلا AI كۈنى» باشلاندى. پائالىيەتتە، ئېلون ماسك پۈتۈن دۇنياغا تېسلانىڭ ئۆزى تەتقىق قىلغان دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر Dojo، FSD يۇمشاق دېتالى قاتارلىق مەزمۇنلاردىكى ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلىرىنى نامايان قىلدى. 



ماسكنىڭ ئېيتىشىچە، ئەڭ ياخشى AI ئىختىساسلىقلىرىنى تېسلاغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ بىردىنبىر نىشانى ئىكەن.



 ئەلۋەتتە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغىنى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ماشىنا ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك پىلان بىزنى ھەيران قالدۇردى.


1




 ساپ كۆرۈش سېزىمى ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسى ۋە HydraNets 


ئالدى بىلەن، تېسلانىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئاپتوماتىك ھەيدەش تېخنىكىسى. 



تېسلا ئۆزىنىڭ توكسىكلىتىنىڭ يۈكسەك ئاپتوماتلاشقان ياردەمچى ھەيدەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقىنى ئىزچىل كۆز-كۆز قىلىپ كەلدى، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، FSD (Fully Self Driving، تولۇق ئاپتوماتىك ياردەمچى ھەيدەش سىستېمىسى) يۇمشاق دېتالى يېڭىلاندى. بىراق ئەينى ۋاقىتتا، يېڭىلاش پەقەت تېسلا ئالدىن سىناپ بېقىش پىلانى ئابۇنىچىلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ ئابۇنىچىلار FSD Beta V9 نەشرىنى سىناق قىلسا بولاتتى، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى تېلېكامېرا ۋە AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان ساپ كۆرۈش سېزىمى ئاپتوماتىك ياردەمچى ھەيدەش تېخنىكا لىنىيەسى بولۇپ، رادار سېنزورىغا تايانمايدۇ. 



7-ئاينىڭ 31-كۈنى، تېسلا FSD نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى FSD Beta V9.1 نى رەسمىي يوللىدى، بۇ تۇنجى قېتىم« تېسلا كۆرۈش سېزىمى» نى ئىشلەتكەن ئىلغار شوپۇرلارنىڭ ياردەمچى ھەيدەش يۈرۈشلۈك دېتالى. 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، تېسلا يەنە FSD Beta V9.2 نۇسخىسىنى چىقاردى. 


تېسلا AI باش نازارەتچىسى Andrej Karpathy دوكتور بۇ خىل كۆرۈش سېزىمىنى ئاساس قىلغان ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسىنى تونۇشتۇردى: ئۇ سەككىز تېلېكامېرادىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق (1280×96012-Bit HDR36 Hz) يەككە نېرۋا تورىغا كىرىپ، 3D مۇھىت سەزگۈسىنى بىرىكتۈرىدۇ، بۇ Vector Space دەپ ئاتىلىدۇ.


تېسلا ئاپتوموبىلدا كۆرۈش سېزىمى پوستلاق قەۋىتىنى لايىھەلىگەندە، ئۇلار باشتىن ئاخىرغىچە نېرۋا تورىنى لايىھەلەپ، بىيولوگىيەلىك كۆرۈش سېزىمى ئۇسۇلى بويىچە مودېل قۇردى ھەمدە كۆپ تەرەپلىك لىنىيەدىن پايدىلىنىپ، فوتو ئاپپاراتنى توغرىلاش، ساقلاش، سەپ تۈزۈش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق بارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاددىيلاشتۇردى. 


تېسلا ئاساسىي غول توردىن سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىدۇ ھەمدە كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپىلەرگە كىرگۈزىدۇ (مەسىلەن، نىشاننى تەكشۈرۈش، قاتناش سىگنال چىرىغى ۋە ئاپتوموبىل يولىنى مۆلچەرلەش) ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا مەزمۇنلارنى تاشلىۋېتىپ، ھېسابلاش كۈچىنى ئىسراپ قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. 



كۆپ كامېرا تورىنىڭ ئۈنۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، گەرچە پەقەت سان جەھەتتە ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىن مۆلچەرلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ تور شەكىللەندۈرگەن ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. 



قىزىل، يېشىل چىراغدا سولغا بۇرۇلۇش ئاپتوماتىك ھەيدەشكە نىسبەتەن زور سىناق بولۇپ، ئاپتوموبىل يولدا يۈرگەندە ھەمدە كېسىشمە يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، نېرۋا تورى Spacial RNN ئارقىلىق ئالدىن مۆلچەرلەيدۇ. ھەمدە مەۋھۇم مۇھىتتا كۆپ قېتىم تەقلىد قىلىپ، يولنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا پىلانلاش ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 


ئاپتوماتىك ھەيدەش يۇمشاق دېتال باش نازارەتچىسى Ashok Elluswamyy ئارىلاش پىلانلاش سىستېمىسىنى تونۇشتۇرۇپ، Autopilott نى يولنى قانداق ئۆزگەرتىشنى مىسالغا ئېلىپ، باشقا ئاپتوموبىللار بىلەن يانمۇيان يۈرگەندە، Autopilott ئۇلارنىڭ ھەيدەش ئۇسۇلىنى ئويلىشىپلا قالماي، يەنە باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش ئۇسۇلىنىمۇ ئويلىشىدۇ دېدى. 



تار مۇھىتتا ئەتراپىنى پىلانلىغاندا، مۇھىمى باشقا شوپۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئويلىشىش كېرەك، مەسىلەن زۆرۈر تېپىلغاندا يول بېرىش. تېسلا بىر يېڭى تەقلىدىي پروگرامما ئارقىلىق ئەتراپتىكى ئەھۋاللار ۋە باشقا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ.

2




سىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش Dojo: ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قۇرۇلما


DOJO، بۇ قېتىمقى تېسلا AI كۈنىدىكى ئەڭ چوڭ كۆرۈش نۇقتىسى، ئەڭ ئاخىرىدىمۇ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ. 

2020-يىلى 8-ئايدا، ماسك بۇ شىركەتنىڭ« Dojo» ناملىق نېرۋا تورى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرىنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقانلىقىنى، ئاساسلىقى تېسلا ئاپتوموبىلىنىڭ يولدا ئېرىشكەن زور مىقداردىكى سىن سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماسك مۇنداق دېدى: « < Dojo V1.0> تېخى تاماملانمىدى، مۆلچەرىمچە يەنە بىر يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئۆزەكنى تەتقىق قىلىپ ياساشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىلا ئەمەس، ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ۋە سوۋۇتۇش مەسىلىسىمۇ ئىنتايىن قىيىن.» 

بۈگۈن تېسلا ئاخىرى Dojo كومپيۇتېر ئۆزىكىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئاچتى. ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلمىسى قوللىنىلغان، ھېسابلاش كۈچى مۇرەككەپ تور قۇرۇلمىسىغا تارقالغان بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ھېسابلاش كۈچى، يۇقىرى بەلباغ كەڭلىكى، تۆۋەن كېچىكتۈرۈلگەن تور كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 


Dojo پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇنداق بىر ئىشنى قىلىدۇ: ئاپتوماتىك ماشىنا ھەيدەشنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرۇش. ئۇ بىر نوقۇل ماشىنا ئۆگىنىش ماشىنىسى، ھازىرقى ئۆزەك ۋە مۇلازىمېتىرنىڭ پىكىر يولى بويىچە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۆلچىمىنى« ئەسەبىيلىك» دېيىشكە بولىدۇ.


ئىشلەتكەندە، بۇنىڭدەك 120 دانە D1 ئۆزەك بۆلىكى بىر E POD رايون بۆلىكى قىلىپ بىرىكتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، ئۇنىڭ سېكۇنتىغا 100 تىرىليارد قېتىمدىن ئاشىدىغان ھېسابلاش ئىقتىدارى (10 نىڭ 18 ىنچى دەرىجىسى) بار، بۇ نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز بولغان AI مەشىق كومپيۇتېرى. 



تېسلا Dojo تۈرىنىڭ مەسئۇلى Ganesh Venkataraamanan مۇنۇلارنى بىلدۈردى: Dojo يەر شارىدىكى ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار. بۇنىڭدىن باشقا، تېسلا يەنە كېيىنكى ئەۋلاد Dojo نىڭ ئىقتىدارىنى يەنە 10 ھەسسە ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى. 

3




تېسلا ئادەم شەكىللىك ماشىنا ئادىمى ياسىماقچى 


يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى ياسىلىشى ئالدىن ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلار، لېكىن يەنە بىر ئادەمنى ھەيران قالدۇرغىدەك تۈر بولسا ، تېسلا ئادەم شەكىللىك ماشىنا ئادەم ياسىماقچى. 




ئالدى بىلەن، بۇ ماشىنا ئادەمنى تېسلانىڭ ئاپتوماتىك ھەيدەش ماشىنىسىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئۇ بىز ماشىنا ھەيدىگەندە مەشغۇلات قىلىدىغان بارلىق قۇرۇلمىلارنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، سىز ئۇنىڭغا ماگىزىندىن نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشنى تاپىلىسىڭىز بولىدۇ... ماسكنىڭ قارىشىچە، ئادەم شەكىللىك ماشىنا ئادەم« كەلگۈسى ئىقتىسادقا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ» . 


ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى تەخمىنەن72. 1مېتىر ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 125 قاداق كېلىدۇ، بويى تەكشى، يەنە بىر يۈز ئېكرانى سائىتىگە تەخمىنەن 5 ئىنگلىز مىلى سۈرئەتتە يۆتكىلىدۇ. بۇ ماشىنا ئادەمنىڭ تۇنجى ئەمەلىي نۇسخىسى كېلەر يىلى بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن، لايىھەنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى« بىخەتەر بولمىغان، تەكرارلانغان، زېرىكىشلىك خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش» تىن ئىبارەت. 



ماسك: « مېنىڭچە، كەلگۈسىدە جىسمانىي ئەمگەك قىلىدىغان خىزمەتلەر بىر خىل تاللاشقا ئايلىنىدۇ، سىز خالىسىڭىزمۇ مەيلى، خالىمىسىڭىزمۇ مەيلى» دېگەن.

بۇ ماسكنىڭ مەلۇم بىر خىل تەسەۋۋۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ: « ماشىنا ئادەمنى ياساش تېسلانىڭ كېيىنكى مۇقەررەر مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشى» . نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تېسلانىڭ« دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماشىنا ئادەم شىركىتى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. 



ئەلۋەتتە، تېسلا ماشىنا ئادىمى ھازىر پەقەت بىر تەسەۋۋۇردىنلا ئىبارەت، بىزنىڭ ھەممىگە قادىر ماشىنا ئادەم خوجىدارى بولىشىمىز ئاپتوماتىك ماشىنا ھەيدىگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ يىراقتا.


لېكىن خۇددى SpaceX بىلەن تېسلانىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن قىلغىنىغا ئوخشاش، ماسكنىڭ شىركىتى دائىم ئىلغار تېخنىكىلارنى بارغانسېرى ئەرزانلاشتۇرالايدۇ. كەلگۈسىدە، ئادەم شەكىللىك ماشىنا ئادەمنىڭ باھاسىمۇ كىشىلەر قوبۇل قىلالىغۇدەك ئەرزان بولارمۇ؟ 



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0