
يەر شارى تورى خەۋىرى:
12-ئاينىڭ 31-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ بىرلەشمە مۇداپىئە، بىرلەشمە كونترول مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« دۆلەت دورا گۇرۇھى جۇڭگو بىئولوگىيە يېڭى تاجىسمان ۋىروسىنى پاسسىپلاشتۇرۇش ۋاكسىنىسى دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى تەستىقلىغان قوشۇمچە شەرت بويىچە بازارغا سېلىندى.

نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى بىرلىككە كەلگەن ۋاكسىنا ئەملەش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى، بىز تەرتىپلىك ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاممىنىڭ ھەممىسى «قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم قوبۇل قىلىش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كىشىلەر ئارىسىدا تەدرىجىي ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلىپ، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ يۇقۇمىنى ئۈزۈل ـ كېسىل كونترول قىلىمىز.

زېڭ يىشىن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« يىڭى تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىنكى ناچار رېئاكسىيە يۈز بېرىش نىسبىتى ئادەتتىكى ۋاكسىنىنىڭ رېئاكسىيەسىگە ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ئاساسلىقى باش ئاغرىش ئىپادىلىنىدۇ. « يېنىك دەرىجىدە قىزىغان كېسەللىك مىسالى %0.1 كە يەتمەيدۇ، زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى قاتارلىق بىر قەدەر ئېغىر بولغان ناچار رېئاكسىيە يۈز بېرىش نىسبىتى تەخمىنەن 1 مىليوندىن 2 گە يېتىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، ناھايىتى ياخشى داۋالاشقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ.» دېدى.

قىش، ئەتىياز پەسلىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئەۋجىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى خادىملىرى، تاموژنا چېگرا تەكشۈرۈش خادىملىرى، داۋالاش، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش خادىملىرى، ئاممىۋى قاتناش خادىملىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىق بىر قىسىم يۇقۇملىنىش خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى كىشىلەرگە 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلىمىزدە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. يېرىم ئايدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا جەمئىي ئۈچ مىليون قېتىمدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەندى.

12-ئاينىڭ 31-كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلەشمە مۇداپىئە، بىرلەشمە كونترول مېخانىزمى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شۈ نەنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ھازىر ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، لېكىن ھەممىسى نورمال دائىرىدە. مۇتەخەسسىسلەر ھۆكۈم قىلغان نەتىجە بولسا، نۆۋەتتە غەيرىيلىشىشنىڭ ۋاكسىنىنى ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق.»

يېقىندا ئەنگلىيەدە پەيدا بولغان ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش كۈچىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتتى، بۇ بىزنىڭ يۈكسەك دىققىتىمىزنى قوزغىدى، شۈ نەنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھۆكۈم قىلىش نەتىجىسى، نۆۋەتتە كۆزەتكەن ئۆزگىرىشنىڭ ۋاكسىنىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىگە ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق. كۆپچىلىك ئىلىم- پەنگە، ئالىملىرىمىزغا ئىشىنىڭلار، بىزنىڭ ۋىروستىكى ئۆزگىرىشنىڭ ۋاكسىنا ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار، بىز چوقۇم پۇقرالارنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەيمىز. »



