大数跨境

ئاشنا مەڭگۈ چىن ئاشىق ئەمەس

ئاشنا مەڭگۈ چىن ئاشىق ئەمەس EMINBIZ
2021-01-17
0



ئاشنا مەڭگۈ چىن ئاشىق ئەمەس


ھاجىرە قاسىم




ئاشنا پەرەس بولمىغىن دوستۇم،

سۈرىتىدۇر ئاشنا شەيتاننىڭ.

ئۇنىڭ بىلەن دوست - ئاداش بولۇپ،

بەختى كۈلگەن قايسى ئىنساننىڭ.



ئاشنا دېگەن خەقتىن ئاشقان ئاش، 

بىلىپ تۇرۇپ ھەرگىز ئىچمىگىن.

ھارامدۇر ئۇ تاتلىق بولسىمۇ، 

ھالاللىقتىن مەڭگۈ كەچمىگىن.



ئاشنا مەڭگۈ چىن ئاشىق ئەمەس،

چىن دېگەنگە چىنپۈتۈپ يۈرمە.

ئۇ ئەسلىدە بىردەملىك ھەۋەس،

مەپتۇن بولۇپ خىياللار سۈرمە.







.
【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0