
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماشىنىسى بار، بىر ئائىلىدە كەم دېگەندە بىردىن ماشىنا بولۇش ئاساسەن زۆرۈر بىر ئىھتىياج بولۇپ قالدى. دۆلىتىمىزدە ماشىنا باھاسى بىر قەدەر ئەرزان بولۇپ، نەچچە ئون مىڭ يۈەنگە بىر ماشىنا سېتىۋالغىلى بولىدۇ. يەنە كىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ماشىنا ھەيدەشكە ئامراق بولۇپ، ئاممىۋى قاتناش، مېترو قاتارلىق قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇپ ئىشقا بېرىپ-كەلسە يۈزى چۈشۈپ كېتىدۇ، شۇڭا ماشىنا ھەيدەپ سەپەرگە چىقسا ياخشى دەپ قارايدىغانلار كۆپ. شۇڭا، ئېلىمىزدە بار ئاپتوموبىللارنىڭ مىقدارىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ، 2021-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 292 مىليون دانىغا يەتكەن، پەقەت 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا تىزىمغا ئالدۇرغان ماشىنا سانى 14 مىليون 140 مىڭغا يەتكەن.
دۆلىتىمىزدە ماشىنا سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ماي ئىستېمالىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى ئېلىمىزنىڭ بېنزىن، دىزېل ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارى 300 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن. 2020-يىلىغا قەدەر، ئېلىمىزدە 119 مىڭ ماي قاچىلاش پونكىتى بار بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى شەھەر، ناھىيەلىرىگە قەدەر زىچ تارقالغان. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكىلىرىمۇ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكىلىرىمۇ بار، جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى ۋە جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ماي قاچىلاش پونكىتى ئومۇمىي ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ تەخمىنەن %45 نى ئىگىلەيدۇ، پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى بولسا %50 نى ئىگىلەيدۇ، قالغان %5 جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى ۋە چەت ئەل مەبلىغىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ئۈلۈشى.
گەرچە پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى سان جەھەتتە دۆلەت ئىلكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ بولسىمۇ، لېكىن سېتىش مىقدارى جەھەتتە پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى ۋە جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭكىگە يەتمەيدۇ. ھازىر جۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى ۋە جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى %70 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، پەقەت %30 كە يەتمەيدىغان سېتىش مىقدارىنى پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى ۋە چەت ئەل مەبلىغىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى بۆلۈشۈۋالغان. ئۇنداقتا پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ باھاسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا بېرىپ ئىستېمال قىلامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ ماي باھاسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولۇپلا قالماي، يەنە دائىم سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە دائىم سوۋغات بېرىپ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىدۇ.
پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى بىر پېشقەدەم خىزمەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئىككى چوڭ ئەۋزەللىك بار ئىكەن، بىرى ماي باھاسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىدىن خېلىلا ئەرزان ئىكەن. بۇ ئاساسلىقى پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتى يېقىن ئەتراپتىن مال ئەكىرىدۇ، يەنى يېقىن ئەتراپتىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدىن مال كىرگۈزىدۇ، شۇڭا يول دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىغا قارىغاندا كۆپ قىسقىرايدۇ. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى ئۇزۇن يولغا ماي توشۇيدىغان بولغاچقا، توشۇش تەننەرخى (ئاساسلىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەققى) يۇقىرىراق بولىدۇ. شۇڭا، پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ سېتىش باھاسى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ.
يەنە بىرى، پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى دائىم خېرىدارلارغا كىچىك سوۋغاتلارنى سوۋغا قىلىدۇ. چۈنكى پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ماي باھاسى تۆۋەن، پايدىسى يۇقىرى ئەمەس بولغاچقا، ئېلانغا پۇل خەجلىيەلمەيدۇ، داڭلىق چولپانلارنى ۋاكالەتچى بولۇشقا تېخىمۇ تەكلىپ قىلالمايدۇ، پەقەت كىچىك سوۋغاتلارنى بېرىش ئارقىلىق خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، سوۋغات بېرىش ئارقىلىق خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن. پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ سېتىش مىقدارى ھازىرمۇ يەنىلا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا يەتمەيدۇ.
بەلكىم بەزىلەر پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى ھەم سوۋغا بېرىدىغان، ھەم ماي باھاسى ئەرزان تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن سېتىش مىقدارى يەنىلا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا يەتمەيدۇ؟ دەپ ئەجەبلىنىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىككى سەۋەب بار:
بىرىنچى، پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدا ياخشىلار بىلەن يامانلار ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، نۇرغۇن ماي قاچىلاش پونكىتلىرى ھەمىشە ناچارنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ، ماي سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە بولالمىغان، نۇرغۇن ماشىنا ئىگىلىرى پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدا ماي قاچىلىغاندىن كېيىن، ماڭىدىغان مۇساپىسىنىڭ خېلىلا ئازلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. شۇڭا ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىك بارا-بارا پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا ئانچە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالغان.
ئىككىنچى، گەرچە پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى بارغانسېرى قېلىپلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سان جەھەتتە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، ھەم ماي باھاسى جەھەتتىمۇ ناھايىتى زور ئەۋزەللىككە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى كۆپ ھاللاردا ئاۋات ھەم ماشىنا كۆپ بۆلەكلەرنى تاللايدۇ، چۈنكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ بايلىقى يېتەرلىك. پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ھەمىشە چەت جايلاردىكى ماشىنا ئازراق جايلارنى تاللاپ ماي قاچىلاش پونكىتى تەسىس قىلىدۇ. شۇڭا، گەرچە تەننەرخ تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ سېتىش مىقدارى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭكىگە يەتمەيدۇ.
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى ئاساسلىقى ئاۋات جايلار ۋە ماشىنا كۆپ جايلارغا قۇرۇلغان بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان. پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشنى ئويلىشىپ چەت جايلارغا قۇرۇلغان، بۇنداق بولغاندا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ جايلىشىشىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغىلى ھەمدە بۇ ئارقىلىق مەيلى ئاۋات شەھەر رايونىدا ماي قاچىلىسۇن ياكى چەت رايونلاردا ماي قاچىلىسۇن، ماشىنا ئىگىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرغىلى بولىدۇ. ھازىر پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ بېرىۋاتىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا بولغان تونۇشىمۇ تەدرىجىي ياخشىلىنىشقا باشلىدى. پۇقراۋى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى يەنە داۋاملىق تەرەققىي قىلسا، بىر مەزگىلدىن كېيىن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ماي قاچىلاش پونكىلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلىشى مۇمكىن.

