大数跨境

گىرىم قىلمايمۇ تىرىنى سۈزۈك قورۇق يوق قلدىغان چارە،ئۈگىنۋىلىڭ

گىرىم قىلمايمۇ تىرىنى سۈزۈك قورۇق  يوق قلدىغان چارە،ئۈگىنۋىلىڭ EMINBIZ
2021-08-06
0


10خىل ئەپچىل چارە!گىرىم قىلمايمۇ ئاق ھەم سۈزۈك تىرىگە ئىرىشەلەيسىز!


1.پىۋا ئارقىلىق تەرتۆشۈكچىلىرىنى كىچىكلىتىش.


پىۋىنى قاچىغا قۇيۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا يۈزچاپلىقىنى چىلايمىز،يۈزچاپلىقىنى 3مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ، ئۇنى يۈزگە تەكشى چاپلايمىز.


يۈز قىسىمىنى يىنىك ئۇۋلاپ تەخمىنەن يىرىم سائەت تۇرغۇزىمىز ئاندىن ئۇنى ئىلۋىتىپ سوغۇق سۇ بىلەن پاكىز يۇيۋىتىمىز،مۇشۇ ئۇسۇلنى بىرقانچە كۈن داۋاملاشتۇرسىڭىزلا تەرتۆشۈكچىلىرىڭىزنىڭ كىچىكلەپ كەتكىنىنى بايقايسىز.

2.قىتىق ھەسەل ئارقىلىق تىرىنى سىلىقلاش.

ئاۋۋال ھەسەل بىلەن قىتىقنى تەڭ نىسبەتتە ئارلاشتۇرىمىز،ئاندىن ئۇنى يۈزگە سۈركەپ 15مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۋەتسەك بولىدۇ.

بۇنداق بولغاندا يۈزتىرىسىنى سىلىق ھەم پارقىراق قىلىدۇ.بۇنى ئۇزۇن  مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا يۈز تىرىڭىزنىڭ مۈڭگۈزپەردىسىنىڭ سۇغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرالايسىز.

3.كىچىك سودا ئارقىلىق قارا پىگمىنىتنى يوقىتىش.

يۈزيۇغان ۋاقىتتا،يۈز يۇيۇش سۇيۇقلىقىغا ئازراق سوداقوشۇپ ئۇنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈركەيمىز،ئاندىن يۈزقىسىمىمىزنى يىنىك ئۇۋلايمىز.كىيىن يۈزىمىزنى يۇيۋەتسەكلا بولىدۇ.

يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن يۈزىڭىزدىكى قاراپىگمىنىتلارنىڭ سۇسلاشقانلىقىنى ھەم تەرتۆشۈكچىلىرىنىڭ كىچىكلىگەنلىكىنى بايقايسىز.ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتسىڭىز قاراپىگىمىنىتلار يوقاپ كىتىدۇ.

4.چىش پاستىسى ئارقىلىق دانىخورەكنى يوقىتىش.

چىش پاستىسىنىڭ ناھايتى ياخشى بولغان ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار،ئەگەر يۈز قىسىمىڭىزدىكى دانىخورەك ئىغىر بولۇپ ئىششىپ،قىززىرىپ كەتسە شۇئورۇنغا دەرھال ئاق رەڭلىك چىش پاستىسىنى سۈركەڭ،مۇشۇنداق قىلسىڭىز ئىششىقنى تىز ياندۇرىدۇ ،ئاندىن بىرسائەت تۇزغۇزغاندىن كىيىن يۇيۋەتسىڭىز بولىدۇ. 

ئاستىدىكى ئېلاننى چېكىپ بىزنى قوللاپ قويۇڭ

5.مولى گۈلى ئارقىلىق تىرىنى چىڭىتىش.

مولى گۈلىنىڭ گۈل بەرگىنى سوغۇق سۇغا چىلاپ ،ئاغزىنى ھىم ئىتىپ يىرىم سائەت قويۇپ قويىمىز ،ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق  ئىسپىرىت ئارلاشتۇرىمىز.

ھەركۈنى ئەتتىگەن يۈزنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇنى ئالقىنىمىزغا ئازراق ئىلىپ يۈزىمىزگە سۈركەپ ئاندىن يۈزىمىزگە يىنىك ئۇرىمىز.مۇشۇنداق قىلىپ بىرنەچچە كۈن داۋاملاشتۇرساقلا يۈزتىرىمىزنىڭ بۇرۇنقىدىن سىلىق پارقىراق ھەم چىڭ بولغانلىقىنى بايقايمىز.

6.ھەسەل ئارقىلىق يۈزقىسىمىنى ئۇۋلاش.

يۈزنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن،يۈزقىسىمىڭىزدىكى سۇنى قۇرۇتماي تۇرۇپ يۈزىڭىزگە ئازراق ھەسەل سۈركەپ ئاندىن ئىككى قولىڭىز بىلەن تەكشى ئۇۋلاڭ،ئۇۋلىغان ۋاقىتتا چوقۇم ھەركىتىڭىز يىنىك بولسۇن،تەخمىنەن 5مىنۇت ئۇۋلىغاندىن كىيىن ئاندىن يۈزقىسىمىڭىزنى پاكىز يۇيۋەتسىڭىز بولىدۇ،بۇنداق قىلغاندا يۈزتىرىسى ناھايتى سىلىق ،پارقىراق ھەم ئاق بولىدۇ.

7.ئەتتىرگۈل ئارقىلىق ھۆسۈن تۈزەش.

يىڭىدىن ئىچىلغان ئەتتىرگۈلنى ئۈزۈپ ئەكىرىپ ئۇنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ بىرھەپتە قويۇپ قويىمىز،ئاندىن ھەركۈنى ئەتتىگەن كەچتە بىرقىتىم يۈزىمىزنى يۇيىمىز،بۇنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا يۈزتىرىمىزنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ،تىرىنىڭ قىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

8.سولۇ ئارقىلىق مۈڭگۈز پەردىسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

سولۇنى يىڭى سۈتكە يىرىم سائەت  چىلاپ قويۇپ ئاندىن ئۇنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈركەپ 15مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن يۇيۋەتسەك بولىدۇ.

بۇنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندىن كىيىن يۈزتىرىسىدىكى زەخمىلەنگەن مۈڭگۈز پەردىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئاسراش رولى بار.


9.بۆلجۈرگەن قىتىق ئارقىلىق دانىخورەكنى يوقىتىش.

بۆلجۈرگەننى پاكىز يۇيۇپ،ئىزىمىز ئاندىن ئۇنىڭغا قىتىق قۇيۇپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز ،ئارلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن يۈزگە سۈركەپ 15مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن يۇيۋەتسەك بولىدۇ.

بۆلجۈرگەننىڭ ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار بولۇپ،ئۇنى قىتىق بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەندە دانىخورەككە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىپلا قالماي يەنە تىرىنى ئارقارتىش رولىمۇ بار.

10.ئاق ئاچچىقسۇدا يۈزيۇيۇش.

ھەركۈنى يۈز يۇيدىغان ۋاقىتتا يۈز يۇيدىغان سۇغا 3-5تامچىغىچە ئاق ئاچچىقسۇنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزنى يۇيۇش،بۇنداق قىلغاندا زەخمىلەنگەن تىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي يەنە تىرىنى ئاق ھەم سۈزۈك قىلىدۇ.

ئاق ئاچچىقسۇنىڭمۇ ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە يۈزقىسىمىدىكى دانىخورەكنى سۇسلاشتۇرۇپ يوقىتىدۇ.

قىممەت نەرسىنىڭ چوقۇم ئۈنۈمى بولىشى ياكى سىزگە ماس كىلىشى ناتايىن ،بەزى ۋاقىتلاردا ئەرزان نەرسىنىڭ سىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئۈنۈمى بار.



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0