大数跨境

ئەلى بابا100 مىليارد مەبلەغ سېلىپ ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولماقچى

ئەلى بابا100 مىليارد مەبلەغ سېلىپ ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولماقچى EMINBIZ
2021-09-04
1


9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئەلى بابا گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، ئەلى بابا« ئەلى بابا كۈچ قوشۇپ ئورتاق بېيىشتىكى ئون چوڭ ھەرىكەت» نى باشلاپ، 2025 ـ يىلىدىن بۇرۇن جەمئىي 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولىدىكەن. 



ئون چوڭ ھەرىكەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئەلى بابا گۇرۇھى مەخسۇس دائىمىي ئاپپارات قۇرىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئەلى بابا گۇرۇھى ئورتاق بېيىش ئون چوڭ ھەرىكىتىنى بەش چوڭ يۆنىلىشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇشقا ياردەم بېرىدىكەن، ئۇلار پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاجىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئورتاق بېيىش تەرەققىيات فوندى بولۇپ، ھەرىكەت تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: 



بىرىنچى، پەن ـ تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنى رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىكەن. مەسىلەن، پەن-تېخنىكا كەسىپ فوندى تەسىس قىلىش، تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنىڭ رەقەملىشىش قۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلار فوندى ۋە مۇكاپاتلاش پىلانى تەسىس قىلىش قاتارلىقلار.


ئىككىنچى، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يار-يۆلەك بولۇش. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ كۈندىلىك تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تىجارەت تولۇقلىمىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 


ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسىلەن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش مەركىزى قۇرۇپ، بىر تۈركۈم رايون ئاممىۋى ماركىسىنى يارىتىش قاتارلىقلار. 


تۆتىنچى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ خەلقئارالىشىشىنى قوللاش كېرەك. مەسىلەن: « چېگرا ھالقىغان سودا يېشىل يولى» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار. 


بەشىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە يار-يۆلەك بولۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىللاشقان كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلار. 


ئالتىنچىدىن، جانلىق ئادەم ئىشلىتىدىغان ئاممىنىڭ پاراۋانلىق كاپالىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىش كېرەك. مەسىلەن: تېز يەتكۈزگۈچى، توردا كىرا ئاپتوموبىلى چاقىرىش شوپۇرى قاتارلىقلارنىڭ سودا سۇغۇرتىسى كاپالىتى قاتارلىقلار. 


يەتتىنچى، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ رەقەملىك تۇرمۇشىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، ئەقىل-پاراسەت مەھەللىسى، گۈزەل يېزا-كەنت بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش قاتارلىقلار. 


سەككىزىنچىدىن، رەقەملىك ھاڭنى كىچىكلىتىپ، ئاجىز كىشىلەر توپىنىڭ مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلەن، تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ«  ئىشقا ئورۇنلىشىشى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ رەقەملىك تۇرمۇش تەسىراتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بالىلار ئېغىر كېسەللىكلىرىنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش فوندى قاتارلىقلارنى قۇرۇش كېرەك. 


توققۇزىنچى، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاش كېرەك. مەخسۇس مەبلەغ سېلىپ كەنت دەرىجىلىك داۋالاش پونكىتى قۇرۇپ، « داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 


ئونىنچى، 20 مىليارد يۈەنلىك ئورتاق بېيىش تەرەققىيات فوندى قۇرۇش. بۇ ئارقىلىق ئورتاق بېيىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش كېرەك.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0