
توۋتىياۋ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدە جۇڭگو تېخى ھەقىقىي دۇنياۋى چوڭ دۆلەتكە ئايلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى ھاياتى كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
نۇرغۇن چەت ئەللىك دوستلار تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا كەلگەندە ، « كۆچمە چىقىم قىلىش » نىڭ جۇڭگودا كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشىدىن قاتتىق ھەيران قالىدۇ ، ئۇلار ھەتتا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە قۇرۇلۇشىنى بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزگەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان.
كۆچمە چىقىم قىلىش تۇرمۇشىمىزغا ھەقىقەتەن زور قولايلىق ئېلىپ كەلدى ، غەربلىكلەرمۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆچمە چىقىم قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇشى ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە جەمئىيەتكە پايدىلىق دەپ قارايدۇ، لېكىن غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىدە كۆچمە چىقىم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرمىدى، ئۇلار ئالاقە تورى تېخنىكىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىگە بولغان پايدىلىق تەسىرىگە ياخشى قاراشتا بولسىمۇ ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى مەۋھۇم پۇلغا قاراتتى.بۇ يەردە بىر مەسىلە كېلىپ چىقتى ، يەنى نېمە ئۈچۈن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر كۆچمە چىقىم قىلىشنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ، ئەجەبا كۆچمە چىقىم قىلىش بەك خەتەرلىكمۇ؟

ئامېرىكا-ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقە تورى قۇرۇلۇشىدىكى ئىدىيەسى ئوخشىمايدۇ
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، غەرب ئەللىرى دائىم دەيدىغان بىر سۆز بار ، ئۇ بولسىمۇ « ئەركىنلىك »، ئەركىنلىك ھەم ئۇلارنىڭ سىياسىي شوئارى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي شوئارى.ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ تور قۇرۇلۇشى جەھەتتىمۇ بىر يادرولۇق ئىنتىلىشى بار، ئۇ بولسىمۇ « ئەركىنلىك ».
دۆلىتىمىزدە بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ، بىز ئالاقە تورى جەمئىيىتى قۇرۇلۇشىدا « ئىدارە قىلىش » دېگەن سۆزنى تىلغا ئالىمىز، يەنى ئالاقە تورىمىز گەرچە ئۇنچە ئەركىن بولمىسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ بىخەتەر، خاككېرلارنىڭ ئالاقە تورىدا زورلۇق ـ زومبۇلۇق قىلىشى ناھايىتى تەس، قانداقلا بولمىسۇن دۆلەتنىڭ كۈچى بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتىدۇ.
شۇ سەۋەبتىن غەربلىكلەر كۆچمە چىقىم قىلىشنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالاقە تورى ئەركىن بولسىمۇ، بىخەتەرلىكى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، ئەگەر ئۇلار جۇڭگوغا ئوخشاش كۆچمە چىقىم قىلىشنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرسا، ئۇ ھالدا ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە جىنايىتى سادىر قىلىدىغان جايغا ئايلىنىپ قالىدۇ.شۇڭا غەربلىكلەرنىڭ كۆچمە چىقىم قىلىشنى خەتەرلىك دەپ قارىشىنى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا ئامېرىكا -ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئالاقە تورى قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ غەربلىكلەرگە نىسبەتەن ئۇنچە چوڭ جەلپ قىلىش كۈچى يوق
ئەمەلىيەتتە كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ گۈللەنگىنىگىمۇ ئاران ئۈچ يىل ئەتراپىدا بولدى . بىز « كۆچمە چىقىم قىلىش » نى ئىشلەتكەندىن كېيىن، يەنە « چىراي تونۇتۇپ چىقىم قىلىش » قا بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.بىزدە كۆچمە چىقىم قىلىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن تولۇپ تاشقان ئۈمىد ۋە ئارزۇ بار. لېكىن غەربلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى كۆچمە چىقىم قىلىش ئېلىپ كەلگەن بارلىق قولايلىقلار ، ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا پەقەت بىر ئىناۋەتلىك كارتىغا تايانسىلا كۇپايە.
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۆچمە چىقىم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرماسلىقىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار كۆچمە چىقىم قىلىشنى خەتىرى بار، ئاسانلا ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە جىنايىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارايدۇ، ھەم كونكرېت سەۋەبىنىمۇ يۇقىرىدا تەھلىل قىلىپ ئۆتتۇق. لېكىن ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا ئوخشاش كۆچمە چىقىم قىلىشنى ئومۇملاشتۇرماسلىقىدىكى يەنە بىر چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ ئەسلا بۇنداق ئېھتىياجى يوق، شۇڭا ئۇنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق.
كىرېدىت كارتىسى ( ئىناۋەتلىك كارتا ) دىن ئىبارەت بۇ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى مۇھىم كەشپىياتنى ئامېرىكىلىق سودىگەر فىرانك 1950ـ يىللاردا كەشىپ قىلغان. ئىناۋەتلىك كارتىسى بارلار ھەر خىل جايلارغا بېرىپ بىۋاستە ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىز جۇڭگولۇقلارغا ئوخشاش سىرتقا چىققاندا نەق پۇل ئېلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت بىر كارتا بولسىلا ھەممە جايدا ئىستېمال قىلالايدۇ.
شۇڭا، كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ ياۋروپا- ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن جەلپ قىلىش كۈچى يوق، ئۇلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى ئاساسىي جەھەتتىن بىزنىڭ كۆچمە چىقىم قىلىشىمىزغا باراۋەر.

كۆچمە چىقىم قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ خەۋپ ئىستېمال قارىشىدىن كېلىدۇ
ئەڭ ئاخىرىدا دېمەكچى بولغان بۇ نۇقتا بىر قەدەر ئالاھىدە، لېكىن يەنىلا خېلى ئاساسى بار، شۇڭا كۆپچىلىك ئويلىنىپ باقسا بولىدۇ . ھەممىمىزگە مەلۇمكى، غەرب جەمئىيىتىىدە ئومۇملاشقىنى بولسا « ھالقىما ئىستېمال » ، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىستېمال قىلالىشى ئەمەلىيەتتە ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر غەرب جەمئىيىتى « كۆچمە چىقىم قىلىش » نى يەنە ئومۇملاشتۇرۇپ قالسا ، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئىستېمال قارىشى « ھالقىما ئىستېمال » دىن « زىيادە ھالقىما ئىستېمال » غا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا قەرز يۈكى بەك ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ ناھايىتى ئاسانلا چوڭ ئىقتىسادىي كۆپۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دۆلىتىمىز بىلەن ياۋروپا- ئامېرىكا جەمئىيىتى بېسىپ ئۆتكەن يول ئوخشاش بولمىغاچقا، بىز كۆچمە چىقىمنى ئومۇملاشتۇرساق، ئىستېمالىمىزغا بىر قەدەر ياخشى تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، قانداقلا بولمىسۇن بىز جۇڭگولۇقلار پۇل ئامانەت قويۇشنى ياخشى كۆرۈشىمىز بىلەن نام چىقارغان. شۇ سەۋەبتىن ئېيتقاندا كۆچمە چىقىم قىلىش ياۋروپا- ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن خەتەرلىك، ئەمما بىز جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە تۈرتكە بولىدىغان تېخنىكا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدۇر .


