
جۇڭگو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ! جاۋ ليجيەن سۆزىدە، دېڭىز-ئوكيان ھەرگىزمۇ ياپونىيەنىڭ ئەخلەت ساندۇقى ئەمەس، دېدى
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە پەيدا بولغان يادرو كېرەكسىز سۇلىرىنى دېڭىز-ئوكيانغا قويۇپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى رەسمىي قارار قىلغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 14- چېسلا ياپونىيەدىن ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ سوئال سوراپ، ياپونىيە تەرەپنىڭ فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە پەيدا بولغان يادرو كېرەكسىز سۇلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىگە قايتىدىن قاراپ چىقىپ، ھەرقايسى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاپپاراتلىرى بىلەن تولۇق كېڭىشىش ھەمدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ كېرەكسىز سۇلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دېڭىزغا قويۇۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە جۇڭگو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىنكاس قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ، دېدى.

جاۋ لىجيەن ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ سوئال سوراپ، مۇنداق دېدى: ياپونىيە تەرەپ راستتىنلا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى گۇمان ۋە ئەندىشىنى ئاڭلىدىمۇ؟ ياپونىيە تەرەپنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ ياپونىيە قويۇپ بەرمەكچى بولغان يادرو كېرەكسىز سۇلىرى راستىنلا خەلقئارا ئۆلچەمگە ئۇيغۇنمۇ؟ ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئىلمىي پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە تېگىشلىك ئىنكاسنى قايتۇرۇشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىدۇ. "دېڭىز-ئوكيان ھەرگىزمۇ ياپونىيەنىڭ ئەخلەت ساندۇقى ئەمەس، تىنچ ئوكيانمۇ ياپونىيەنىڭ يۇندى يولى ئەمەس. ياپونىيە تەرەپ يادرو كېرەكسىز سۇلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، پۈتۈن دۇنيا ئۇلار بىلەن بەدەل تۆلىمەسلىكى كېرەك. ياپونىيەنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىدىكى "بۇ سۇنى ئىچسىمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ." دېگەن گېپىگە كەلسەك، ئۇلار باشتا ئۆزلىرى ئىچىپ باقسۇن، ئاندىن بىر نېمە دېيىشەيلى.
مەنبە:مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى