大数跨境

توي قىلىشقا ماس كېلەمسىلەر يوق، ئۇنداقتا بۇنى كۆرۈڭ

توي قىلىشقا ماس كېلەمسىلەر يوق، ئۇنداقتا بۇنى كۆرۈڭ EMINBIZ
2021-05-08
2


توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالدىنقى بىر مەزگىللەردە داڭلىق ناخشىچى سەي يىلىن مۇنداق دېگەن: «توي قىلىش ئۈچۈنلا توي قىلمايمەن، بىراق ئەمەلىيەتتە مۇھەببەتلەشكەن چېغىمدىلا، توي قىلىشنى مەقسەت قىلغان، توي قىلغۇسى كېلىشنىڭ يامان تەرىپى يوق، پەقەت مۇھەببەت ئاساس بولسىلا كۇپايە».

بىراق بارلىق مۇھەببەتنىڭ بەختلىك تۇرمۇش ئېلىپ كېلىشى ناتايىن. كۆپلىگەن ئىشلاردا كۆز-قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك ئادەتتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردا تالاش-تارتىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ تالاش-تارتىشلار ئازابنى ئېلىپ كېلىپ، شەكىلسىز ھالەتتە ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتىنى خورىتىۋېتىدۇ.

كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا بۇ نۇقتىنى چۈشىنىدۇ. شۇڭا، مۇھەببەتلەشكەندە، ئالدى بىلەن قارشى تەرەپ بىلەن توي قىلىشقا ماس كېلەمدۇ-يوق، شۇنى ئويلايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ئەھۋالى، مىجەزى ئوخشاش ئەمەس، شۇڭا تۇرمۇش ئىشىدا بىر تەرەپتىن ئۆي تۇتۇپ يەنە بىر تەرەپتىن ئىزدىنىشكە بولمايدۇ.

گەپ شۇنداق كەلگەن بىلەن، بىراق تۇرمۇش ئىشىدا ئىككى ئادەمنىڭ تاكالىشىپ قېلىشى ئاساسىي جەھەتتىن بۇ ئىككى ئامىلدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئەگەر توي قىلىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ ئىككى نۇقتىنى ياخشى ئويلاشسا، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

1. ئىستېمال پەرقى زادى قانچىلىك؟

توي قىلمىغانلار ئىستېمال پەرقىنىڭ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆي تۇتۇش ئىشىغا زادى قانچىلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولالمايدۇ.

ئىستېمال قارىشىدىكى پەرق، ئەمەلىيەتتە مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغدىلا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، ھەپتە ئاخىرىدىكى ئۇچرىشىشتا، قىز دوستىڭىز بىر ۋاق مول تاماقنىڭ پۇلىنى يىغىشنى كوچىدىكى ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى يېيىشتىن ئەۋزەل كۆرسە، بىراق سىز مول تاماق يېگەننىڭ پايدىسى يوق، ئۇنىڭدىن كۆرە، يولدىكى ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى يەپ بىرلىكتە ئايلانسا نەقەدەر بەخت ھە دەپ ھېس قىلىسىز. بۇ خىل ئىككى قاراشنى ئەسلىدىنلا مۇلاھىزە قىلىپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. چۈنكى بۇ پەقەت قاراش جەھەتتىكى پەرق، مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا، كۆپىنچە ئاشىق-مەشۇقلار بۇنىڭ ئۈچۈن سوقۇشۇپ يۈرمەيدۇ، ئىككى ئادەمنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن ھامىنى تەسلىم بولىدۇ، بىراق تۇرمۇش قۇرغاندا، تەسلىم بولالامدۇ؟

ئەر-خوتۇن ئۇزۇن مۇددەت بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈش داۋامىدا بىرەيلەننىڭ ئىزچىل تەسلىم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىلگىرى توي قىلغىنىغا ئىككى يىل بولغان ئەر-خوتۇنلارنى تونۇيتتۇم. ئەر-ئايالنىڭ مەيلى ئوقۇش تارىخىدا ياكى ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشىدە بولسۇن، ھەممىسىنى ئىنتايىن خوپ كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. بىراق ئەر بىر قەدەر تېجەشلىك بولۇپ، پۇل خەجلەشنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا، ئىككىلا تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغاچقا، كېيىن تۆت چوڭنى بېقىش كېرەك، يەنە بالىنىڭ تەربىيەلىنىش مەسىلىسىمۇ بار، كېيىن بالا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولسا، تېخىمۇ كۆپ پۇل كېتىدۇ، شۇڭا ھەتتا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ بىرەر ۋاق تاماق يېيىشنىمۇ خالىمايدۇ.

بىراق ئايالنىڭ قارىشىچە بولغاندا، ھەر ئىككەيلەننىڭلا مائاشى خېلى يۇقىرى، چوڭلارنىڭمۇ پېنسىيە مائاشى بار، بالىنىڭ كېينكى تەربىيەلىنىش ئىشىغا بىر نەرسە دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ھازىر يىغىپ قويغان پۇللارنىڭ بالىنىڭ كېيىنكى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشىغا يېتىشىمۇ ناتايىن. ئەگەر داۋاملىق مۇشۇنداق ھېسابلاپ يۈرسە، ئۇنداقتا، بەختتىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟

بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال توي قىلغاندىن كېيىن ئىزچىل پۇل خەجلەش ئىشىدا تالىشىپ كەلگەن. بەزىدە ئايال كۆپرەك كىيىم ئالسا يەنە بەزىدە دوستىغا سوۋغات بەرسە، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇشۇشنىڭ سەۋەبى بولۇپ ھەتتا ئاجرىشىش ئويىغىمۇ ئايلىنىپ قالغان.

بىراق ھېلىمۇ ياخشى ھەر ئىككەيلەنلا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرگەچكە، بۇ دەل مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلىنىپ، بىر قېتىم مۇۋاپىق پۇرسەتنى تېپىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوي خىيالىنى، پۇل خەجلەش جەھەتتىكى قايسى مەسىلىلەردە كېڭىشسە بولىدىغانلىقىنى دېيىشىدۇ. دەل شۇ بىر قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تاكالىشىش قېتىم سانىمۇ خېلىلا ئازىيىدۇ.

ئىستېمال قارىشىدىكى پەرق توي تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا ياكى توي قىلىشتىن بۇرۇن، چوقۇم بۇ مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىش، تويدىن كېيىن ئاندىن ھەل قىلىشنى ئويلاشماسلىق كېرەك.

2. ئەگەر بالىلىق بولغاندىن كېيىن، كىم ئاساسلىق مەسئۇل بولىدۇ؟

ئەگەر بالىلىق بولماقچى بولسا ئۇنداقتا، كىم بالىغا ئاساسلىق مەسئۇل بولىدۇ؟ بۇ سوئال قېچىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان مەسلىدۇر.

رېئال تۇرمۇشتىكى كۆپىنچە ئەرلەر بۇنى ئايالنىڭ مەسئۇلىيەتى دەپ قارايدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، تالاش-تارتىشمۇ كۆپ بولىدۇ. بالا ئىككى ئادەمنىڭ، قايسىلا تەرەپ ئۆزىنى چەتكە ئالسا بولمايدۇ. شۇڭا، بالىغا مەسئۇل بولۇش مەسلىسىدە، ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپ ئوخشاش بىر قەدەمدە مېڭىشى كېرەك. توي قىلىشتىن بۇرۇن، بالىغا قاراش مەسلىسىدە، چوڭ ئىختىلاپلار بولامدۇ-يوق، بالىغا ئاساسلىق كىم قارايدۇ دېگەندەك سوئاللارنى ئېنىق ئويلىشىش كېرەك.

گەرچە تويدىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرخىل سوئاللارغا يولۇقسىمۇ، بىراق مۇشۇ ئىككى مەسىلىدە قاراش ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولسىلا بەختلىك تۇرمۇشقا مۇستەھكەم ئۇل سالغىلى بولىدۇ.



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307