2019-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، سۈي شۆلى 2-قەۋەتتىكى ئۆيىدە ئېسىلىپ ئۆلىۋالىدۇ.
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۈ خېلامۇ ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ.
2019-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، چې رېنخې ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ، ۋاپات بولۇشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئۇ تېخى ئۆزىنىڭ چەمبىرىكىگە: ھاۋا سوۋۇپ قالدى، دوستلار قېلىنراق كىينىڭلار دەپ - مەزمۇن چىقىرىدۇ.
50 كۈن ئىچىدە شۇنداق قىلىپ 3 چولپان كەينى-كەينىدىن مۇشۇنداق ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئۇلارنىڭ بىر ئورتاقلىقى بار، ئۇ بولسىمۇ-خامۇشلۇق كېسىلى.
زادى قانداق بىر بېسىم مۇشۇنچىۋالا كۆپ كورىيە چولپانلىرىنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندۇ؟
ياپياش تۇرۇپلا ئۆز ھاياتىدىن ۋاز كەچكۈدەك ئۇلارنىڭ بېشىدىن زادى قانداق ئىشلار ئۆتكەندۇ؟
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەرخىل چولپان تەربىيەلەيدىغان تاماشا شىركەتلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ شىركەتلەرنىڭ يىللىق كىرىمى كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە يۇقىرى.
خەلقئارا مىقياسىدا كورىيەنىڭ تاماشا چەمبىرىكى ۋە يېتىشتۈرگەن چولپانلىرى بىر قەدەر كۆزگە كۆرۈنگەن.
ئۇلار ھەريىلى تۈركۈم-تۈركۈملەپ ھەرخىل ئالقىشقا ئېرىشكەن يېڭى ياش چولپانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ چولپانلار ناخشا ئېيتالايدۇ ھەم ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ.
نۇرغۇن ياشلار تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مۇشۇ شىركەتلەر ئارقىلىق چىقىش يولى ئىزدەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن شۇ يولدا بىر ماڭغانچە ھەرگىز كەينىگە يانالمايدۇ.
7 يىللىق تەن سېتىش كېلىشىمى
شىركەت بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ بىر سەنئەتكارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل توختاملارنى تۈزىدۇ، بۇ پەقەت كورىيەدىلا ئەمەس باشقا يەرلەردىكى تاماشا چەمبىرىكىدىمۇ بار ئىشلار.
ئىلگىرى كورىيەلىك چولپان مەي خېڭلى ئۆز گۇرۇپپىسىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، توردا كورىيە تاماشا شىركەتلىرىنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىگە ئائىت نۇرغۇن ئىشلارنى پاش قىلىدۇ.
ئۇنىڭ دېيىشىچە تەن سېتىش توختىمىنىڭ مۇددىتى ئادەتتە كەم دېگەندىمۇ 7 يىلدىن 15 يىلغىچە بولىدىكەن. توختامنى بۇزسا زور دەرىجىدە جەرىمانە تۆلەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن جاننى تىكىپ خىزمەت قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.
كورىيەدە بىر سەنئەتكار بولۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋۋال تاماشا شىركەتلىرىگە كىرىپ پراكتىكا قىلىدىكەن، نەچچە يىللىق تەربىيەلەشتىن كېيىن لاياقەتلىك بولۇپ تاللانلىرىلا چولپان بولالايدىكەن.
تەن سېتىش توختىمىدا يەنە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك قائىدە باركەن:
1. ئۆزىنىڭ شەخسىي تېلېفونى بولسا بولمايدىكەن، چوقۇم شىركەت بەرگەن تېلېفوننى تۇتىشى كېرەككەن.
2. ئۆز ئالدىغا ھېچقانداق قارار چىقارسا بولمايدىكەن.
چولپان ئىككى ئۈلۈش، شىركەت سەككىز ئۈلۈش پايدا ئالىدىكەن
بىزنىڭ نەزىرىمىزدە چولپانلارنىڭ پۇلى كۆپ، ئەمما كۆپىنچە كورىيەلىك چولپانلار ئۇنچە پۇلدار ئەمەس. ئۇلارنىڭ تاپاۋىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى شىركەت %10 نى ئۆزى ئالىدىكەن. 3 ئۈلۈش پايدا ئالالايدىغان چولپانلار كەمدىن كەم ئۇچرايدىكەن.
كورىيەنىڭ داڭلىق پروگراممىسى 《Running Man》نى مىسالغا ئالساق، باشقا يەرلەردىكى چولپانلار بىر سانغا چىقىپ بىرمۇنچە تاپقان پۇلنى، بۇ چولپانلار بىر يىلدا ئاران تاپىدىكەن.
نەچچە ھەپتە ئىلگىرى گاۋ يىشاڭ پروگراممىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن نەق مەيداندا قازا قىلىدۇ.
كورىيەلىك چولپانلار ئادەتتىكى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان قىيىنچىلىق دەرىجىسى ئاجايىپ يۇقىرى خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.
24 سائەتنىڭ خالىغان بىر ۋاقتىدا ئىشقا چىقىشقا تەييار تۇرىدۇ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەش دائىملىشىپ كەتكەن.
ئارتىسلارنىڭ روھىي بېسىمى، سالامەتلىكى دېگەندەكلەر تاماشا شىركەتلىرىنىڭ ئەسلا خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى پەقەت، ئۇلارنىڭ ھەربىر تامچا قان تەرىنى قۇرۇپ كەتكۈچە ئاققۇزۇش.
مەي خېڭلىنى مىسالغا ئالساق، ئۇ ھەركۈنى سائەت 6 دە ئورنىدىن تۇرۇپ 2 سائەتتەك بەدەن چېنىقتۇرىدۇ، ئاندىن ئۇسسۇل مەشىق قىلىدۇ. ئەگەر تۇيۇقسىز بىر پروگراممىغا قاتنىشىش ئۇختۇرۇشى كېلىپ قالسا دەرھال بېرىپ قاتنىشىدۇ. كەچ سائەت 11 دە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېرىم كېچە سائەت بىرگىچە يەنە داۋاملىق ئۇسسۇل مەشىق قىلىدۇ، بۇخىل خىزمەت كۈندە داۋاملىشىدۇ. زىيادە چارچاش ئارتىسلارغا نىسبەتەن ئاللىقاچان ھەيران قالمىسىمۇ بولىدىغان بىر ئىشقا ئايلانغان.
ھۆسن تۈزىتىشكە مەجبۇر قىلىنىدۇ
ئىلگىرى پۈتكۈل ئاسىيادا داڭق چىقارغان Super Juniorناخشا گۇرۇھىدىكى شېن دۇڭشى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا شىركەتنىڭ تۇيۇقسىز چۈشۈرۈلگەن ھۆسن تۈزىتىش بۇيرىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن مەجبۇرىي ھۆسىن تۈزەتكىلى بارغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
گۆشلۈك تاماق يەيدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز
تويغۇدەك، قۇۋۋەتلىك تاماق يېيىش ئادەم بەدىنىنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجى.
لېكىن كورىيەنىڭ تاماشا شىركەتلىرىدە ئەگەر ئارتىسلار يېرىم كىلو سەمىرىپ كېتىپ قالسا، تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاشقا بۇيرۇق چۈشىرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇزۇن مۇددەت بەدەنگە ئوزۇق بولمايدىغان يېمەكلىكلەر ئارقىلىق قورساق تويغۇزىدۇ. بۇخىل يېمەكلىك ئادىتى تۈپەيلى ئۇلار يېمەكلىكتىن بىزار بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
ھەممىدە شىركەتنىڭ دېگىنى ھېساب
چۈنكى كورىيەدە ئادەتتىكى ئادەمنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتمىكى تولىمۇ مۈشكۈل بىر ئىش، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى مۇشۇنداق شىركەتلەرگە كىرىپ چولپان بولۇش مەشىقىنى قوبۇل قىلىش.سەرۋاز سالونىمىزنى قوللاپ ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.رەھمەت .
ئەگەر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز تېز رېتىملىق مۇزىكا ناخشىچىسى بولسا، بىر مەزگىلگىچە نامىڭىز ئانچە چىقالسا، شىركەت سىزنى تەننار ناخشىچىغا ئايلاندۇرىدۇ.
كىيىم-كېچەكنى قانداق كىيىش ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز ئەمەس.
بۇخىل يول بىلەن نام چىقارغان چولپانلارنى قارىلايدىغانلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئۇلار توختىماي تور زوراۋانلىقىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.
كورىيە تاماشا چەمبىرىكىدە يوشۇرۇن قائىدىلەرنىڭ كۆپلىكى ھەممەيلەنگە ئايان. بۇنىڭغا داڭلىق مۇزىكا ئەترىتى BigBang لى شېڭلى مىسال بولالايدۇ.
خېرىدارلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى تەييار قىلىدۇ، خېرىدارى بىلەن تەڭ جازاغا تارتىلىدۇ.
ئەر چولپانلار خېرىدارى ئۈچۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتقان يەردە، ئايال چولپانلار نېمىش قىلىدىغاندۇ؟ مېنىڭچە جاۋابى كۆڭلۈڭلەرگە ئايان بولۇپ بولدىغۇ دەيمەن!
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلار نام چىقىرىش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاسىتە قوللىنىدۇ دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەگەر ئايال ئارتىسلار ناشايىن ئىشلارنى قىلىشقا ماقۇل بولمىسا شىركەتنىڭ قېرىشىدىغان ئادىمىگە ئايلىنىدۇ.
جاڭ زىيەن دېگەن ئارتىس ئېسىڭىزدىمۇ؟
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۇمۇ ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 29 ياش ئىدى.
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاخباراتچىلار ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى تاپىدۇ، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى 30 نەچچە ئادەمگە مەجبۇرىي ھالدا 100 نەچچە قېتىمدەك جىنسىي مۇلازىمەت قىلغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە، پىلان-لايىھە شىركىتىنىڭ ئادىمى، پۇل-مۇئامىلە شىركىتىنىڭ ئادىمى، تاراتقۇ شىركىتىنىڭ ئادىمىمۇ بار ئىدى.
ئادەتتىكى پاھىشە كۈندە 2~3 خېرىدارنى كۈتۈۋالسا، جاڭ زىيەن كۈندە 5 خېرىدار كۈتكەن، ھەتتا ئۆز ئاپىسىنىڭ نەزىرىگىمۇ قاتنىشالمىغان.
ئۇنىڭ ھەرقانچە قارشىلىق كۆرسەتكۈسى بولسىمۇ بۇ شىركەتلەر بىلەن تىرىكىشىپ يېڭەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
شۇڭلاشقا سىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقان، سىز ياقتۇرىدىغان جۇلالىق چولپانلار چولپان ئەمەس بەلكى يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالغان.
2005-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئارتىس لى ئېنجۇ ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان؛
2007-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئارتىس جېڭ دوبىن ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان؛
2008-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئارتىس سۈي جېنشى ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان؛
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئارتىس جاڭ زىيەن ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان؛
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئارتىس پياۋخۇڭشاڭ ئۆيىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان؛
2010-يىلى 10-ئايدا «يەنە بىر كۆرسەم» ناملىق فىلىمدە كۇڭجۇ بىلەن يۈنجۇنىڭ سۆيۈملۈك ئىنىسىنىڭ رولىنى ئالغان پياۋ لۇڭخېمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ.

بۇلاردىن باشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان يەنە بىرمۇنچە ئارتىسلار بار.
بۇ مەزمۇننى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇش قانداقتۇر ئارتىسلارنى سۆكۈش ياكى ئۇلارنىڭ يېغىرىنى تاتلاش ئەمەس بەلكى كۆپچىلىكنىڭ ھېچقانداق بىر خىزمەتنىڭ ھەرقانچە مۇھىم بولسىمۇ ئۆز جېنىدەك مۇھىم بولمايدىغانلىقىنى، پۇل تاپىمەن دەپ بىلىپ-بىلمەي قاراڭغۇ يوللاردا مېڭىپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى دۇنيادا سىز-بىزدەك ئادەمدىن بىرى كەم بولۇپ قالسىمۇ دۇنيا يەنە نورمال چۆرگىلىگىنى بىلەن سىزنى سۆيىدىغانلارنىڭ ئاسمىنى سىزنىڭ كېتىپ قېلىشىڭىز بىلەن بىراقلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ.