

1
جىڭجۇدا قارا يامغۇر يىغىپ كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
جېڭجۇدىكى قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە كۈندىن بىرى ھەممىمىزنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىدى. جېڭجۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە قارا يامغۇر يىغىپ، نەچچە ئون مىليون قېرىندىشىمىزنىڭ نورمال تۇرمۇشى قارا يامغۇر سەۋەبىدىن تەسىرگە ئۇچرىدى، ھەتتا كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ھاياتىي خەۋپكە ئۇچرىدى، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىياننى مۆلچەرلىمەك تېخىمۇ تەس.
22-چېسلا، مۇخبىرنىڭ خېنەن ئۆلكىلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 22-چېسلا سائەت 4كىچە، قاتتىق يامغۇردا خېنەن ئۆلكىسىدىكى 103 ناھىيە (شەھەر، رايون) دىكى 877 يېزا-بازاردىكى 3 مىليون 40 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 33 ئادەم قازا قىلغان، سەككىز ئادەم يوقاپ كەتكەن.

نۆۋەتتە، خېنەن ئۆلكىسى بويىچە 376 مىڭ ئادەم جىددىي خەۋپتىن ساقلىنىپ يۆتكەلدى، 256 مىڭ ئادەم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپەتكە ئۇچىرىغان زىرائەت كۆلىمى 215.2 مىڭ گېكتار، ئاپەت بولغان كۆلەم 77.9 مىڭ گېكتار .
2
كەلكۈن تەسىرىدە شەھەرنى سۇ بېسىپ كەتتى
7-ئاينىڭ 20-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجۇ شەھىرىدە ئومۇميۈزلۈك قارا يامغۇر ياغدى، كۆپچىلىك بۇ قارا يامغۇرنىڭ ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما يامغۇر شىددەت بىلەن كۈچىيىپ ئاپەتكە ئايلىنىپ ، كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياردەم ئۇچۇرلىرى تېز سۈرئەتتە قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ھەر بىر ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرلىرى كىشىنى شۇنداق بىئارام قىلاتتى. ئەمما بۇ تېخى باشلىنىشى بولۇپ، قارا يامغۇر توختىماي قىيان، لاي لاتقا ئېقىنىنى پەيدا قىلدى.

قىسقىغىنە بىر كۈن ئىچىدە، خېنەننىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى كەلكۈن بېسىپ كەتتى.

پۈتكۈل شەھەر بىپايان دېڭىزغا ئايلىنىپ قالدى.

يېزا-كەنتلەر كەلكۈننىڭ زەربىسىدە سېرىق توپا ۋە لاي-لاتقىلار بىلەن قاپلاندى، ئۆي ۋە ئاپتوموبىللار سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ تۇراتتى.

شەھەردە يامغۇر سۈيى مېترو بىكىتىنىڭ ئىچىگە ئېقىپ كىرىپ، ئۆيگە قايتماقچى بولغان خىزمەتچىلەر ۋاگوندا قاپسىلىپ قالدى، كىشىلەر پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇپ، قۇتقۇزۇشنى كۈتتى.

كوچىدا بەزىلەر ماشىنىغا قاپسىلىپ قالدى، بەزىلەر ماشىنىنىڭ ئۈستىگە قاپسىلىپ قالدى.

يۆتكىلىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن كىشىلەر سۇنىڭ ئۈستىدە نەرسىلەرنى چىڭ تۇتۇپ تەستە ماڭغاچقا، سۇ ئورنى كۆكرىكىدىن ئېشىپ كەتتى.

بۇ جېڭجۇدا« نەچچە مىڭ يىلدا بىر كۆرۈلىدىغان» قارا يامغۇر ھېسابلىنىدۇ. 20-چېسلا، سائەت 16 دىن 18 گىچە، جېڭجۇنىڭ بىر سائەتلىك ھۆل-يېغىن مىقدارى 201.9 مىللىمېتىرغا يەتتى.

نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، گېرمانىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كەلكۈن ئاپىتىنىڭ بىرى بولغان قارا يامغۇر يېغىپ، 24 سائەت ئىچىدىكى ھۆل يېغىن مىقدارى 154 ئاران مىللىمېتىرغا يەتكەن. بىراق قىسقىغىنە ئۈچ كۈندە جېڭجۇدا توپتوغرا بىر يىل ياغىدىغان يامغۇر ياغدى. خېنەندە نۇرغۇن يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيوللار تاقالدى، يۇقۇرى سۈرئەتلىك پويىزلار قاتناشتىن توختىدى، بىر قىسىم نۆۋەتچى پويىزلار ھەتتا 30سائەتتىن ئارتۇق تۇرۇپ قالدى.
3
مىتروغا قاپسىلىپ قالغان كىشىلەردىن 12سى ئۆلۈپ،5سى ئىغىر يارىلاندى
7-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 لەر ئەتراپىدا، مىترو 5-لىنىيىدىكى يەر ئاستى تونىلىغا يامغۇر سۈيى قويۇلۇپ كىرىپ كىشىلەر قاپسىلىپ قالدى. ئاخبارات ۋاستىلىرى تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشىدىن ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، سۇ ئورنى يولۇچىلارنىڭ بەل قىسمى ھەتتا باش قىسمىغا يەتتى. ۋاگون سىرتىدىكى سۇ ئورنى تېخىمۇ ئېگىز بولغاچقا، نۇرغۇن يولۇچى قۇتقۇزۇڭلار دەپ توۋلىدى.

سۇ ئورنىنىڭ بارغانسېرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ۋاگون ئىچىنىڭ ھاۋاسىمۇ بارغانسېرى شالاڭلاشتى. 5-لىنىيەدىن باشقا، 2-لىنىيەنىڭ قىسمەن سۇپىلىرىنىمۇ سۇ بېسىپ كەتتى.


ھايات قېلىش ئۈچۈن، قاپسىلىپ قالغان يولۇچىلار ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا باشلىدى. كىشىلەر دېرىزىنى ھەرخىل ئاماللار بىلەن چاقماقچى بولدى، دېرىزە چاققۇچنى تاپالمىغاچقا، جىددىي ئەھۋالدا بەزىلەر كۈنلۈك، ھەتتا ئاچقۇچ بىلەن چېقىشقا ئۇرۇنۇپ باقتى، ھايات قېلىش ئۈچۈن، شۇ پەيىتتە كىشىلەر ھەرخىل ئاماللارنى سىناپ باققانىدى.

بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى قولدىكى سايمانلارنىڭ ھېچقايسىسى دېرىزىنى چاقالماستىن، ئەكىسچە ئۇلار قانچە كۈچىگەنسىرى بەدەن قۇۋۋىتى شۇنچە ئاجىزلاپ ھېرىپ كەتكەنىدى. كېيىن كىشىلەر ئوت ئۆچۈرگۈچنى تېپىپ دېرىزىنى چاقتى، ھايات قالغۇچىلار شۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: « دېرىزە چىقىلغان شۇ پەيىتتە ئوكسىگېن كىرگەنلىكىنى بىردىنلا ھېس قىلدىم ۋە راستتىنلا يىغلاپ تاشلىدىم». بۇ ئارلىقتا، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق سىرتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

قۇتقۇزۇش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى. ئۇلار مېترو بېكىتىگە تېز سۈرئەتتە كىرىپ، ئارغامچا بىلەن يولۇچىلارنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. قۇتقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىشى ئاستىدا قاپسىلپ قالغان 500دىن ئارتۇق ئادەم قۇتقۇزۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 12ئادەم قۇتقۇزۇش يار بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلدى، 5ئادەم ھازىر دوختۇرخانىدا كۆزىتىلىۋاتىدۇ، ئەھۋالى تۇراقلىق.


4
مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئاپەت رايونى
تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا، ئىنسانلار ھەمىشە ناھايىتى ئاجىز. لېكىن، ئاپەت ئالدىدا بىز ئەزەلدىن ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپ قويمىدۇق، ئەكىسچە ئۆزئارا ياردەمدە بولۇپ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئاپەتكە ئوڭۇشلۇق تاقابىل تۇردۇق. قاتتىق يامغۇردا، بىر ئانا ئىككى بالىسىنى ئېلىپ سۇ يىغىلىپ قالغان يەردىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن پاتقاققا چۈشۈپ كەتكەن. خەتەرلىك پەيتتە، يولدى ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىرەيلەن كىلىپ ئۇلارنى جان تىكىپ قۇتقۇزىۋالغان.

كۆۋرۈك ئاستىدا بىر ئادەم قاپسىلىپ قالغاندا، كۆپچىلىك ئارغامچا بىلەن ئادەمنى بىر-بىرىگە باغلاپ، ئۇ كىشىنى سۇدىن تارتىپ چىقارغان.

قاتتىق يامغۇردا ھەممە ئادەم ئۆيگە قاپسىلىپ قالغاچقا، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يولغا چىقالمىدى، ھامىلدار ئايالنىڭ يەڭگىيدىغان ۋاقتى توشۇپ، ئەھۋالى جىددىي ئىدى، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن توردا كىشىلەر ئۇچۇر تارقىتىپ ئاپتوموبىلنى ئوڭۇشلۇق تېپىپ، ھامىلدار ئايالنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ خەتەردىن قۇتۇلدۇرىۋالدى.

سودا ساراينىڭ يەر ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان ئادەملەرنى شەھەر ئاھالىلىرى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تارتىپ چىقاردى.

بىر توپ بالا يامغۇرغا قارىماي كوچىغا چىقىپ، قارشى تەرەپتىن كەلگەن ئاپتوموبىلغا قاراپ ئىككى قولىنى كۈچەپ پۇلاڭلىتىپ، شوپۇرلارغا ئايلىنىپ ئۆتۈشنى ئەسكەرتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئېيتىشىچە دادىسىنىڭ ماشىنىسىنى بىر قېتىم سۇ بېسىپ كەتكەن بولۇپ، بىرەرسى مۇشۇنداق ئەسكەرتىپ قويغان بولسا، بۇنداق ئىش يۈز بەرمىگەن بولاتتى دېدى.

ئاپەتكە ئۇچرىغان بىر كېچىدىلا جېڭجۇدىكى بارلىق مېھمانسارايلارنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلدى.

جېڭجۇدىكى بىر ياتاق خوجايىنى 50تارماق دۇكىنىنى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن ئېچىۋەتتى.

شۇ كۈنى، جېڭجۇ كۇتۇپخانىسى كېچىچە تاقالماي، يېقىن ئەتراپتىكى قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىسسىق سۇ ۋە دەم ئېلىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

يەسلىنىڭ ئىگىزلىكتىكى ئورنى يۇقىرى بولغاچقا، كىشىلەر پاناھلىنىدىغان جايغا ئايلاندى، يەسلى باشلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كوچىدا پاناھسىز قالغان 60نەچچە ئادەمنى يەسلىدە پاناھلىنىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

بىر كىنوخانىمۇ سىرتقا ئېچىۋىتىلىپ، نەچچە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ پاناھلىنىدىغان جايىغا ئايلاندى.

مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، بۇ يەرلەر بوران-يامغۇردىن دالدىلىنالايدىغان ، ئاشۇ ئاپەت بولغان كېچىدىكى ئەڭ ئىللىق جايغا ئايلانغان. زور ئاپەت، زور قىيىنچىلىق ئالدىدا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىللىقلىقى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشى مەڭگۈ شۇنداق كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.

نۆۋەتتە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، ج خ تارماقلىرى ،ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قاتارلىق قۇتقۇزۇش كۈچلىرى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش يەنىلا جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

بۇ بىر نەچچە كۈندە قانچىلىغان ئادەمنىڭ ماكانسىز قالغانلىقى، يەنە قانچىلىغان ئادەمنىڭ ئاپەت سەۋەبىدىن قىرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمىز . بىراق جۇڭگودىكى ھەرمىللەت خەلقى ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارنىڭ ئامان-ئېسەن بولۇشىنى، ئاپەت ئۈستىدىن بالدۇر غەلبە قىلىشىنى تىلەيمىز! بىز ھەرۋاقىت سىلەر بىلەن بىللە، غەيرەت قىلىڭلار!


