大数跨境

ئوخشاش قول ئىشارىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتتىكى ئوخشىمىغان مەنىلىرى

ئوخشاش قول ئىشارىتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتتىكى ئوخشىمىغان مەنىلىرى EMINBIZ
2021-05-08
2





«باش بارماقنى ئۈستىگە قارىتىش»

جۇڭگو:ياخشى قالتىس قاتارلىق ماختىغان مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىتالىيە:سان بىرنى بىلدۈرىدۇ.

گرېتسىيە: بىزار بولۇش، ئەبلەخ دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋستىرالىيە:ياخشى، يامان ئەمەس دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.



«بىگىز بارماقنى ئۈستىگە قارىتىش»

جۇڭگو: بىر ، يۈز، مىڭ قاتارلىق پۈتۈن سانلارنى بىلدۈرىدۇ.

ئامېرىكا: قارشى تەرەپنى بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ دېگەن مەنىدە.

ڧىرانسىيە: ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقىتتا بىگىز بارمىقىنى كۆتۈرۈپ سۇئالغا جاۋاب بىرىشنى بىلدۈرىدۇ.

سىنگاپور: پاراڭلاشقان ۋاقىتتا بىگىز بارمىقىنى كۆتۈرسە، بۇ ئىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بىرما: باشقىلاردىن بىرەر ئىشنى ئۆتۈنۈش ياكى يالۋۇرۇشنى بىلدۈرىدۇ.

ئوتتۇرا شەرق: بىگىز بارمىقى بىلەن نەرسىلەرنى ئىشارەت قىلسا ئەدەپسىزلىك ھىسابلىنىدۇ.



«باش بارماقنى پەسكە قارىتىش»

جۇڭگو:پەس تەرەپنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەنگىلىيە،ئامېرىكا،ڧىلىپپىن: قۇبۇل قىلماسلىق، قوشۇلماسلىق، ئاخىرلىشىش، ياكى قارشى تەرەپنىڭ مەغلۇپ بولغىنىنى بىلدۈرىدۇ.

مېكسىكا، ڧىرانسىيە: ئۆلدى ياكى تەلىيى يوق دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

ئاۋستىرالىيە: مەسخىرە قىلىش، مازاق قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ.




«باش بارماق بىلەن بىگىز بارماقتا يۇمۇلاق چەمبەر ھاسىل قىلىپ، ئالقىنىنى ئۈستىگە قارىتىش»

ئامېرىكا: بولىدۇ، ماقۇل دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

ياپونىيە: پۇلنى ئىپادىلەيدۇ.


«بىگىز بارمىقىنى يىرىم ئەگمە ھالىتىگە ئەكىلىش»

جۇڭگو:سان 9 نى ئىپادىلەيدۇ.

ياپونىيە: ئوغرىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىلدۈرىدۇ.

تايلاند، سىنگاپور، مالايسىيا: ئۆلۈمنى ئىپادىلەيدۇ.

مېكسىكا: پۇل، باھا ياكى ساننى بىلدۈرىدۇ.




«چىمچىلاق بارماقنى چىقىرىش»

ياپونىيە: ئاياللار، قىزلار ياكى مۇھەببىتىنى بىلدۈرىدۇ.

كورىيە: ئايالى، قىز دوستىنى بىلدۈرىدۇ.

ڧىلىپپىن: بويى پاكار، يىشى كىچىك دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

تايلاند، سەئۇدى ئەرەبىستان: دوستنى بىلدۈرىدۇ.

بىرما، ھىندىستان: ھاجەتخانىغا بىرىشنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەنگىلىيە: ئاجىز ئەرلەرنى بىلدۈرىدۇ.



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0