大数跨境

ھىندىستانلىق چولپان ئامىرخان ئىككىنجى ئايالى بىلەن ئاجراشتى

ھىندىستانلىق چولپان ئامىرخان ئىككىنجى ئايالى بىلەن ئاجراشتى EMINBIZ
2021-07-11
1



3-ئىيۇل، ھىندىستانلىق گىگانت چولپان ئامىر خان خوتۇنى بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، تويتىن ئاجرىشىش خەۋىرىنى ئېلان قىلدى ۋە 15 يىللىق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،ھەرئىككىسى يېڭى تۇرمۇشىغا قەدەم قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىگىلىنىشىچە، ئامىرخان بىلەن كىلان رائو 2005-يىلى 12-ئايدا توي قىلغان ئىكەن.





ئۇلار قوشما باياناتتا مۇنداق دېدى: ئىككىيلەن ئىلگىرى گۈزەل 15 يىلنى بىللە ئۆتكۈزگەن، بەخت ۋە خۇشاللىقنى ئورتاق باشتىن كەچۈرگەن، مۇناسىۋىتىمۇ ئىشەنچ، ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئەمما ھازىر ئۇلار يېڭى ھايات كەچۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما ئەر-ئايال شەكلىدە ئەمەس، بەلكى ئائىلە باشلىقى ۋە ئائىلە ئەزاسى سۈپىتىدە. باياناتتا، ئامىرخان بىلەن ئايالى توينى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى يېڭى سەپەرنى باشلاشنى ئېيتقان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تىنچ تويتىن ئاجراشقانلىقىنى ئىسپاتلىغان.



ئامىرخان ھىندىستان بوللىۋودنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئارتىسى، ئۇ« ھىندىستاندا ئۆتكەن ئىشلار» ، « ئۈچ ئەخمەق» ، « مېنىڭ ئىلاھىم» قاتارلىق كىنولاردا ئىنتايىن مۇنەۋۋەر ئىپادىسى ۋە رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن نۇرغۇن چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ھىندىستاندىلا داڭلىق بولۇپ قالماي، جۇڭگودىمۇ نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.



ئامىرخان باش رول ئالغان« چېلىشچى دادا» ھىندىستان چېلىشچىلىرىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، 2017-يىلى جۇڭگودا قويۇلغان. بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، ناھايىتى زور ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن، ئامىرخاننىڭ رول ئېلىش ماھارىتىمۇ يەنە بىر قېتىم قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان. ئۇ بۇ فىلىمدە رول ئېلىش ئۈچۈن، بىر پىرسوناژنىڭ ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ھالىتىنى نامايان قىلىپ، 28 كىلوگىرام سەمىرىپ يەنە ئورۇقلىغان، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ كەسپىنى ناھايىتى قەدىرلەيدىغان ھەم سۆيىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.



ئامىرخان جەمئىي ئىككى قىتىم توي قىلغان بولۇپ، بىرىنجىسى ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىلدە، ئۇ كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان قوشنىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئىككىيلەن دىنىي مەسىلە سەۋەبىدىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، قېچىپ كىتىپ توي قىلغان. بۇ توي 16 يىل داۋاملاشقان بولۇپ، بىر ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان، كېيىن مىجەزى كېلىشمىگەنلىكتىن ئاجراشقان.



2005-يىلى ئاجرىشىپ كېتىپ ئۈچ يىل بولغان ئامىرخان رېژىسسور، سېنارىست جىلان رائونى ئەمرىگە ئالغان. ئىككىيلەننىڭ تويى 15 يىل داۋاملاشتى، ئۇلارنىڭ بىر ئوماق ئوغلى بار، ئۇلار ئىزچىل بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. بۇ قېتىمقى ئاجرىشىشقا قارىتا، ئىككى تەرەپ: « ئەر بىلەن خوتۇن مۇناسىۋىتىدە ئەمەس، بەلكى ئورتاق ئاتا-ئانا بىلەن بىر-بىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بولىمىز » دەپ ئىپادە بىلدۈردى.



ئامىرخان ۋە ئايالى يەنە ئۇلار ئاجراشقاندىن كېيىن، يەنىلا ئوغلى ئازادنىڭ« سادىق ئاتا-ئانىسى» بولۇپ، ئاتا-ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئوغلىنى بىرلىكتە باقىدىغانلىقىنى ئىيتقان. ئىگىلىنىشىچە، ئامىرخان بىلەن ئايالى ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولغان، ئۇلار ھازىرقى مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى راھەت ھېس قىلغان بولۇپ، ئاجرىشىشتىن ئىبارەت بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى رەسمىي قارار قىلغان ئىكەن.



ئامىرخان بىلەن كىلان رائو يەنىلا ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇپ، ئۇلار داۋاملىق ئورتاق قىزغىن سۆيىدىغان كىنو ئىشلىرى، سۇ بايلىقى فوندى جەمئىيىتىدە ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىدۇ. ئامىرخان ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەر ـ خوتۇن مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىشكە بولغان چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ بەخت تىلىشىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى. بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بولمىسا، ئۇلار« بۇ ھالقىشنى بىخەتەر ئىشقا ئاشۇرالمايدىكەن» . 




ئامىرخان ئىلگىرى كىلان رائونىڭ تۇنجى ئەسىرى« بومباي خاتىرىسى» دە رول ئالغان، فىلىمدە تويتىن ئاجرىشىپ يالغۇز قالغان بىر رەسسامنىڭ رولىنى ئالغان، بۇ ئىككىيلەننىڭ تۇنجى قېتىملىق ھەمكارلىقى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە 15 يىللىق تويى رەسمىي ئاخىرلاشتى، ئۇلارنىڭ يەنە ھەمكارلىشىش پۇرسىتى بارمۇ يوق بىلمەيمىز.  بىراق ھەر ئىككىسىنىڭ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىشىنى، كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشمىز. 






【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0