
لاۋ گەنما قىزىلمۇچ قىيامى قانداق باش كۆتۈرگەن
تېتىتقۇ كەسپى تىلغا ئېلىنسا، «لاۋ گەنما» دىن ئىبارەت ھەممە ئادەم بىلىدىغان داڭلىق ماركىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۆزگىچە تەمى تۈپەيلىدىن، ھازىر ھەر بىر ئائىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان تېتىتقۇ بولۇپ قالدى. ھازىر «لاۋ گەنما» دۆلەت ئىچىدە ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە چەت ئەللەرگىمۇ سېتىلىپ، چەت ئەل ئىستېمالچىلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. سىرتتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتقىنى شۇكى، باشقا كارخانىلار جېنىنىڭ بارىچە پېيىنى بازارغا سالماقچى بولۇشقاندا، «لاۋ گەنما» نىڭ قۇرغۇچىسى تاۋ خۇابى مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، سىرتقا قارىتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقىنى، پېيىنى بازارغا سالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەمەلىيەتتە «لاۋ گەنما» نىڭ قۇرغۇچىسى تاۋ خۇابى نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بىر كۈنمۇ مەكتەپتە ئوقۇمىغان. توي قىلىپ بىرنەچچە يىل بولمايلا، ئېرى ئالەمدىن ئۆتكەن، پەقەت تاۋ خۇابى بىلەن ئىككى ئوغلى بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولۇپ ياشاپ كەلگەن. تاۋ خۇابى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپتە لەڭپۇڭ ۋە راڭپىزا سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. لېكىن لەڭپۇڭ ۋە راڭپىزا ئەتكەندە قىزىلمۇچ قىيامى بىلەن تەمىنى ياخشىلاش كېرەك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاۋ خۇابى ئۆزى بىرخىل قىزىلمۇچ قىيامى ياساپ، خېرىدارلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، بەزى خېرىدارلار لەڭپۇڭ ۋە راڭپىزا يېمەي، ئالايىتەن تاۋ خۇابىدىن قىزىلمۇچ قىيامى سېتىۋالغىلى كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن تاۋ خۇابى ئەسلىدىكى لەڭپۇڭ ۋە راڭپىزا سودىسىدىن ۋاز كېچىپ، قىزىلمۇچ قىيامىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ھەمدە قىزىلمۇچ قىيامى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلايدۇ. ئاۋۋال قىزىلمۇچ قىيامى ئىشلەپچىقىرىدىغان كىچىك دۇكان ئېچىپ، مەخسۇس قىزىلمۇچ قىيامى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئاندىن ئىشلەپچىقارغان قىزىلمۇچ قىيامىنى ئەتراپتىكى ئاشخانىلارغا سېتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن «لاۋ گەنما» قىزىلمۇچ قىيامى بىر مەھەل بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ قالىدۇ، تاۋ خۇابى ياسىغان قىزىلمۇچ قىيامى بۇ ساھەدە پۇت تىرەپ تۇرغاندىن كېيىن، بارا-بارا چەت ئەللەرگىمۇ سېتىلىدۇ.
بىراق، ئالدىنقى يىللاردا، لاۋ گەنمانىڭ قۇرغۇچىسى تاۋ خۇابىنىڭ يېشى 70 تىن ئاشقان بولغاچقا، ئۆزى پېنسىيىگە چىقىپ، لاۋ گەنما قىزىلمۇچ قىيامىنى ئوغلىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىۋېتىدۇ. ئەسلىدە ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ «لاۋ گەنما»نى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان بولۇپ، ئەمما تاۋ خۇابى ئىككى ئوغلىنىڭ ئىلگىرى ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان گۈيجۇ مۇچىدىن ۋاز كېچىپ، باھاسى ئەرزان مۇچنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسمەن خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىپ، «لاۋ گەنما» قىزىلمۇچ قىيامى رېتسىپىنى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن لاۋ گەنمانىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 200 مىليون يۈەن تۆۋەنلەپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن خېرىدارلاردىن ئايرىلىپ قالدى. «لاۋ گەنما» دېگەن بۇ ماركا ناھايىتى تېزلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، ماركا زىيىنى 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.
ئوغلىنىڭ خام ماتېرىيالنى ئوغرىلىقچە ئالماشتۇرغانلىقى، تاۋ خۇابىنىڭ 20 نەچچە يىل جاپالىق ئىشلەپ كەلگەن «لاۋ گەنما» ماركىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكىلى تاسلا قالغانلىقى ئۈچۈن، 73 ياشلىق تاۋ خۇابى يەنە بىر قېتىم سودا دېڭىزىغا قايتىشقا مەجبۇر بولدى، ئۇ شىركەتكە قايتىپلا ئىككى تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ئەرزان باھالىق مۇچنى دەرھال ئالماشتۇرۇپ، ئەسلىدىكى باھاسى قىممەترەك گۈيجۇ مۇچىنى داۋاملىق ئىشلەتتى، چۈنكى گۈيجۇ مۇچى بىلەن باشقا جايلارنىڭ مۇچى تۇپراق، قۇياش نۇرى، سۇ سۈپىتى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، تەمى جەھەتتە زور پەرق بار، ئەرزان باھالىق مۇچ بىلەن ئىستىمالچىلارنى قايمۇقتۇرۇش ئاقمايدۇ. ئىككىنچى، تاۋ خۇابى ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئىستېمالچىلارغا «لاۋگەنما» نىڭ يەنىلا ئەسلىدىكى ماتېرىيال ۋە رېتسىپنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، خاتىرجەم سېتىۋالسا بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
تاۋ خۇابىنىڭ يۈرۈشتۈرۈشى بىلەن «لاۋ گەنما» ناھايىتى تېزلا ياخشىلىنىپ، 2019 -يىلى 5 مىليارد يۈەنلىك سېتىش سوممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشتى. 2020-يىلىغا كەلگەندە، «لاۋ گەنما» ماركىسىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 5 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئاشتى. «لاۋ گەنما» قىزىلمۇچ قىيامى يەنە بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىلەن بىرگە، مۇچ تېرىغان 2 مىليون دېھقاننىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
لېكىن، تاۋ خۇابىنىڭ يېشى ھازىر يەتمىشتىن ئېشىپ كەتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ھامان بىركۈنى يەنىلا «لاۋ گەنما» دېگەن بۇ ماركىنى ئىككى ئوغلىغا تاپشۇرىدۇ، شۇ ۋاقىتتا تاۋخۇابىنىڭ ئىككى ئوغلى بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىقتىن ساۋاق ئېلىپ، «لاۋ گەنما» ماركىسىنى داۋاملىق قۇدرەت تاپقۇزالامدۇ-يوق بۇنى بىر نېمە دېمەك تەس.

