
ئالدىنقى يىلى يازدا ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان پۇتبول مۇسابىقىسى يادىڭىزدىمۇ؟
شىنجاڭ كۇمانىدىسى تېرىنىرى پەرھات تېرىنىر يادىڭىزدىمۇ؟

يېقىندا 2021-يىللىق «جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەش» ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى باھالاش رەسمىي باشلىنىپ، جۇڭگو ئالتۇن ترېنېر مۇكاپاتى (يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ترېنېر)، جۇڭگو ئالتۇن ئۆسمۈر مۇكاپاتى قاتارلىق ھەرقايسى مۇكاپاتلارغا تاللانغان نامزاتلار رەسمىي ئېلان قىلىندى.


14-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﺗﯜﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ 20 ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان شىنجاڭ 20 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ ترېنېرى پەرھات 2021-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ترېنېر نامزاتلىقىغا تاللاندى.
14-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﺗﯜﺭﯨﻨﯩﯔ 20 ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ 2:1 ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺟﯧﺠﻴﺎﯓ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳىدۇ ئەمما مۇسابىقدىىن كيين پەرھات تېرىنىرنىڭ سۆزلىرى ھەممىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ


ئەمما 3ئاي ئىلگىرىكى مۇسابىقىدە بولسا ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق 5:6 ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺧﯘﺑﯧﻲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩدۇ ھەم ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﮪﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻘﺎ ﻛﯩﺮىدۇ.بۇ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 62 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرىشى بولۇپ ھىسابلىناتتى .
زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ خۇشال ھالدا:«شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ پەقەت بىرلا نىشانى بار، ئۇ بولسىمۇ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش»دىگەن ئىدى .

بۇ فىلىم توردا شىددەت بىلەن تارقىلىپ پۈتۈن توردونياسى بۇ مۇسابىقەدىكى پۇتبولچىلارنىڭ تىرىشچانلىقدىن قاتتىق سۆيۈنىدۇ .گەرچە ئەڭ ئاخىرىقى ھەل قىلغۇش مۇسابىقىدە شىنجاڭ كۇماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويغىنى بىلەن تېرىنىر يەنىلا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا كەچۈرۈپ سورايدۇ ھەم بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ




مەزمۇنىمىزنىڭ ئاخىرىدا پەرھات تېرىنىرنىڭ ئالتۇن تېرىنىر نامزاتلىقىغا تاللانغانلىقىنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.


