

ئامازوننىڭ قۇرغۇچىسى جېف بېسوس دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ بېيجىڭ ۋاقتى 20-ئىيۇل كەچ سائەت 9دا، كۆك رەڭ مەنبە شىركىتىنىڭ يېڭى شېپاد راكېتاسىغا ئولتۇرۇپ ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ، ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئالەم سەپىرىنى ئىشقا ئاشۇردى.


تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ بىر قېتىملىق يالغۇز ساياھەت ئەمەس. جېف بېسوس بىلەن بىللە يەنە ئۈچ نەپەر« ساياھەتچى» بار، ئۇلار ئۇنىڭ ئىنىسى مارك بېسوس (سولدىن بىرىنچى كىشى) ، 18 ياشلىق فىزىكا كەسپىي ئوقۇغۇچىسى ئولىۋېر دېمان (ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى) ۋە 82 ياشلىق ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋولى فىنك (ئوڭدىن بىرىنچى كىشى).

ئالتە ئادەم سىغىدىغان ئالەم كېمىسىدە، تۆت نەپەر يولۇچىنىڭ مۇستەقىل مەنزىرە كۆرۈش دېرىزە تەكچىسى ۋە خۇرۇم كىرىسلوسى بار، كۆرۈش دائىرىسى ۋە ئازادىلىك دەرىجىسىگە گەپ كەتمەيدۇ.

ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بىرىلىش ۋاقتىنى تەتۈر ساناش ئاخىرلىشىپ ئوت يېقىشتىن يەر يۈزىگە قايتىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەريانغا پەقەت 10 مىنۇت 20 سېكۇنت ۋاقىت كەتكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ئېغىرلىقنى يوقىتىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ھېس قىلغان ۋاقتى پەقەت ئۈچ مىنۇتلا ئىكەن.

گەرچە ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇش ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، بۇ تۆت كىشى يەنىلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر چوڭ ھالقىشنى بەرپا قىلدى. ھەربىر ئادەم قويۇپ بېرىش مۇنارىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۆزى ئۈچۈن داڭ ئۇرغان، رەسىمدىن ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى ساياھەتكە بولغان تەقەززالىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.


ئەلۋەتتە، ئۇلارلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىشكە دىققەت قىلماقتا. دۇنيا بويىچە تۇنجى سودا ئالەم كېمىسىنى كەشىپ قىلغان ۋىجېن سامانيولى گۇرۇھى تورغا قويۇپ بېرىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ يوللانما ئەۋەتتى.

پەن-تېخنىكا پېشۋاسى ئېلون ماسك بۇ ئۇچۇرنى تارقىتىپ ئامەت تىلىدى.

مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرى ئېلان قىلىنىپ بىر كۈن بولمايلا، مىكرو بىلوگدا 290 مىليون تورداشنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، بۇنىڭدىن ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا بولغان قىززىقىشى ۋە ئىزدىنىش ئارزۇسىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ!

بەزىلەر ھاياجانلىنىپ: « ئەسلىدە پۇل بولسا راستتىنلا ئاسمانغا چىققىلى بولىدىكەن» دېيىشتى.

تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يەنىلا باھا ئىدى.

لېكىن بۇ قېتىمقى سەپەردە بىردىنبىر ھەق تۆلىگەن كىشى ئەمەلىيەتتە ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن ئولىۋېر دەيمىن.

كۆك رەڭ مەنبە شىركىتىدە بۇ قېتىمقى ساياھەت كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغاندا، بىر نامسىز سېتىۋالغۇچى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 28 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا تەخمىنەن 180 مىليون يۈەن).

ئەڭ ئاخىرىدا شەخسىي سەۋەب تۈپەيلىدىن، نامسىز سېتىۋالغۇچى پۇرسەتنى دەيمىننىڭ دادىسىغا ئۆتۈنۈپ بەردى. دادىسى ئوغلىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ئالەم بوشلۇقىغا چەكسىز تەلپۈنىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، پۇل چىقىرىپ ئوغلىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.

82 ياشلىق ئايال ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋولى فىنك كۆپ قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش نىيىتىدىن ۋاز كەچمىگەن، شۇڭا كۆك رەڭ مەنبە شىركىتى ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قارار قىلغان.

بېسوس ئاكا-ئۇكىغا كەلسەك، كۆك رەڭ مەنبە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، نېمىشقا پۇل تۆلىمەيدىغانلىقىنى ئارتۇق چۈشەندۈرمىسەممۇ پەرەز قىلىپ بولدىڭىز.

ئىككى ئاكا-ئۇكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىنى ئۇلارنىڭ بالىلىقىدىن تارتىپ سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ، بولۇپمۇ جېف بېسوسنىڭ ئارزۇسى.

ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ ئايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانلىقىنى كۆرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋىسى يەنە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى ئالىي تەتقىقات پىلان ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، شۇڭا جېفنىڭ كىچىكىدىنلا بىر ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسى بار ئىدى.

ئۇ بەش يېشىدىن باشلاپلا كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشنى ئارزۇ قىلغان.

2000-يىلى، ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈككەن جېف كۆك رەڭ مەنبە شىركىتىنى قۇرغان. 20 يىلغا يېقىن تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرۇش ئارقىلىق، ئاخىر 2019- يىلى ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسى ئېلان قىلىندى ھەم 2024- يىلى ئايغا چىقىش پىلانىنى يولغا قويۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

جېفمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن دائىم تورداشلار تەرىپىدىن Space X نى قۇرغان ئېلون ماسك بىلەن سېلىشتۇرۇلىدۇ. بىرى ئايغا چىقماقچى، يەنە بىرى مارسقا چىقماقچى.

بىراق، جېف ئىلگىرى زىيارەتتە مۇنداق دېگەن: « بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە ئەمەس، بەلكى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئۇل سېلىش » دېگەن.

گەرچە ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى پەقەت« بايلار ئويۇنى» بولسىمۇ، لېكىن بىزدەك ئادەتتىكى كىشىلەر پەقەت ئەنسىرەپ يۈرىدىغان ئىش ئەمەس.

بىزنىڭ ھازىر بىردىنبىر قىلالايدىغىنىمىز تىرىشىپ كۆپ پۇل تېپىش، بەلكىم كەلگۈسىدىكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش ساياھىتىنىڭ باھاسى چۈشۈپ قالسا، بىزمۇ ئالەم بوشلۇقىنى ئايلىنىپ كىلىشىمىز مۇمكىن.



