大数跨境

سۇلىياۋخالتابىلەن چاچنى ئوراپ يۇيۋەتكەندىكى كارامەت،ھەيران قالسز

سۇلىياۋخالتابىلەن چاچنى ئوراپ يۇيۋەتكەندىكى كارامەت،ھەيران قالسز EMINBIZ
2021-08-16
2


كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان يېمەكلىكلەرنى مىكروبتىن ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ خالتا (保鲜膜) نىڭ يەنە قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بارلىقىنى بىلەمسىز؟


چاچ ئاسراش


چاچ يۇغاندا چاچ ئاسراش مەلھىمىنى سۈرۈپ بولۇپ سۇلياۋ خالتا بىلەن ئوراپ بىر نەچچە مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيىۋەتسە چاچ مەلھىمىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر چاچقا تەكشى سىڭىدۇ. قۇرغاق، پاخپىيىپ كەتكەن چاچلارنى يۇمرانلاشتۇرۇپ سىلىق ھەم جانلىق قىلىدۇ.

 تېرە ئاسراش


بۇرۇن ئەتراپىدىكى قارا پىگمېنتلارنى يوقىتىشتا ئاۋۋال يۈزنى پاكىز يۇيىمىز. ئاندىن يۈز مەلھىمى سۈرۈپ بولۇپ سۇلياۋ خالتا بىلەن بۇرۇن ئەتراپىنى چىڭ ئوراپ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن پاكىز يۇيىۋەتسە تېرىنى ئاسراش، بۇرۇن ئەتراپىدىكى تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. قارا پىگمېنتلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى توسۇيدۇ ھەم ئۈنۈملۈك ھالدا يوقىتىدۇ.


كالپۇكنى يۇمرانلاشتۇرۇش


ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كالپۇك يېرىلىش، قۇرغاقلىشىش ئالامەتلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا كالپۇك يۇمرانلاشتۇرۇش مەلھىمىنى سۈرۈپ ئاندىن سۇلياۋ خالتا بىلەن كالپۇكنى ئوراپ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئېلىۋەتسە كالپۇكنى يۇمران ھالىتىگە ئېلىپ كېلىدۇ؛


ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر


توڭلاتقۇنىڭ ئىشكاپلىرىدا داغ ياكى ئۇششاق نەرسىلەر تۇرۇپ قالسا دەسمال بىلەن سۈرتۈپ چىقىرالمىسىڭىز، سۇلياۋ خالتىنى شۇ ئورۇنغا چاپلاپ قويۇپ بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن سۈرتسىڭىز پاكىز تازىلاپ چىقارغىلى بولىدۇ؛

مۇنچىنىڭ سۇ چىقىرىش بېشى داتلىشىپ ياكى نەرسە كېرەكلەر تۇرۇپ قېلىپ سۇ راۋان چىقمىسا، سۇلياۋ خالتا بىلەن سۇ چىقىرىش بېشىنى ئوراپ قويسىڭىز، تەخمىنەن 2-3 سائەتتىن كېيىن سۇ راۋان چىقىدىغان بولىدۇ، توسۇلۇپ قالغان، ئېتىلىپ قالغان تۆشۈكلىرى ئېچىلىدۇ؛

تام سىرلىغاندا، ياكى ئۆيدىكى مەلۇم بىر جابدۇقنى سىرلىغاندا، ئەتراپتىكى باشقا جابدۇقلارغا سىر يۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇلياۋ خالتا ئوراپ قويسىڭىز خاتىرجەم سىرلىسىڭىز بولىدۇ؛

ئەگەر گىرىم بۇيۇملىرى قۇتىڭىزنىڭ ئاغزى ھىم ئېتىلمىسە، ياكى ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز، ئاغزىنى ئېتىشتىن ئاۋۋال بىر قەۋەت سۇلياۋ خالتا ئوراپ قويۇپ ئاندىن ئاغزىنى ئېتىۋەتسىڭىز تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ.

ئاشخانىغا ئىشلىتىدىغان ئاشلىق ماي، ۋە ياكى سۇيۇقلۇق تۇڭلىرىغىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتسە بولىدۇ؛

يېڭىلا بازاردىن سېتىلۋالغان تەبىئىي گۈللەرنى ئۇزۇن مەزگىل ساقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ يىلتىزىغا بىر قەۋەت سۇلياۋ خالتا ئوراپ قويسىڭىز ئۇزۇن ۋاقىتقىچە يېڭى ھالىتىدە ساقلىغىلى بولىدۇ؛

بانان قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، باناننىڭ سېپىغا سۇلياۋ خالتا ئوراپ قويسا ئۇزۇن ۋاقىت يېڭى ھالتىدە ساقلىغىلى بولىدۇ

● ● 



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0