
سىزنى ياراتمايدىغانلار بۇ ئۈچ خىل سۆزنى كۆپ
قىلىدۇ
ھەربىر ئادەمنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر ياراتمايدىغان ئادەملىرى بار، لېكىن كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا، قارشى تەرەپنى ھەرقانچە تۆۋەن كۆرسىمۇ، بۇنى سىرتقا ئىپادىلەپ چىقارمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزىدە بىز ئۆزىمىزچە "مۇناسىۋىتىمىز ياخشى" دەپ قارايدىغان دوستلىرىمىز، بەلكىم كۆڭۈل قېتىدىن بىزنى ياراتماسلىقى مۇمكىن؛ ئەگەر سىز بۇ خىل كىشىلەرنى داۋاملىق دوست قاتارىدا كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا ھامان بىر كۈنى كۆڭلىڭىز ئازار يەپ قېلىشى مۇمكىن.

خۇشياقمىغان ھالدا "خالىغىنىڭىزچە بولسۇن" دېسە
پىسخولوگىيەدە، "ئەرزىمەس ئۈنۈمى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر نەزەرىيە بار، يەنى سىز مەلۇم بىر ئىشنى ئەرزىمەيدىغان ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىڭىز زېھنىنى سەرپ قىلىپ بۇ ئىشنى بىتەرەپ قىلمايدۇ، بۇنىڭدا تەبىئىيلا، بۇ ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولمايدۇ.


