
يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ باۋخۇانىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ليۇ باۋخۇا غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت-بۇرچىدىن ۋاز كېچىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى تۇرغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا سەل قاراپ، سوۋغات قوبۇل قىلغان؛ تەشكىلىي قارىشى ئاجىز بولۇپ، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بازار ئىگىلىكى پائالىيىتىگە ئارىلاشقان ۋە قول تىققان، ھەدەپ پۇل ۋە بايلىق توپلىغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ شىركەت تىجارىتى، تۈرنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەمدە نۇرغۇن مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.

ليۇ باۋخۇا پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان، ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ليۇ باۋخۇاغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى؛ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، چېتىشلىق پۇل-مال قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ليۇ باۋخۇانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ليۇ باۋخۇا، ئەر، خەنزۇ، 1963-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي نىڭجىندىن، 1984-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئالىي ئىقتىسادچى.
1984-يىلى 1-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە سۇچىلىق-ئېلېكتىر مىنىستىرلىقى، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى، ئېلېكتىر مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن (بۇ ئارىلىقتا: 1987-يىلى 8-ئايدىن 1988-يىلى 7-ئايغىچە مەركەز لېكتورلار ئۆمىكى (جياڭشى) پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1990-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا داشۆسى، خېبېي داشۆسىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇپ، پېداگوگىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن)
1998-يىلى 7-ئايدىن 2003-يىلى 3-ئايغىچە دۆلەت ئىقتىساد-سودا كومىتېتى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەھكىمىسى ئىقتىساد تىجارەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ياردەمچى كۆزەتكۈچىسى بولغان؛
2003-يىلى 3-ئايدىن 2013-يىلى 3-ئايغىچە دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى بولغان (بۇ ئارىلىقتا: 2004-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلى 7-ئايغىچە شىمالىي جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە داشۆسى سودا-سانائەت باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ تېخنىكا-ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش كەسپىدە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛ 2008-يىلى 9-ئايدىن 2009-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)
2013-يىلى 3-ئايدىن 2013-يىلى 6-ئايغىچە ئاپپارات ئىسلاھاتىدا تەقسىمات كۈتۈپ تۇرغان.
2013-يىلى 6-ئايدىن 2014-يىلى 5-ئايغىچە دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (مەھكىمە-ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك)
2014-يىلى 5-ئايدا دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يادرو ئېلېكتىر مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (بۇ ئارىلىقتا: 2014-يىلى 7-ئايدىن 2015-يىلى 7-ئايغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسى بىلەن چېنىققان؛ 2014-يىلى 11-ئايدىن 2015-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ 63-قارارلىق نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)
2017-يىلى 8-ئايدا دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان.
(قىسقىچە تەرجىمىھالى دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى تور بېكىتىدىن ئېلىندى)
مەنبە:مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى


