
جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۆزىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىن ئۈمىد يوقتەك ھېس قىلىدۇ، لېكىن يەنىلا بەزى خام خىياللاردا بولىدۇ، شۇڭا قەرەللىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىپ، لاتارىيە بېلىتى ئارقىلىق ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئۆزىگە چوڭ مۇكاپات چىقىش پۇرسىتى يارىتىلىپلا قالماي، يەنە ئىككى يۈەن پۇل بىلەن جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى قىلالايدۇ. لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا، ئەگەر تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قالسا، دائىم نەچچە ئون يۈەن ھەتتا نەچچە يۈز يۈەن مۇكاپات چىقىدۇ. ئەگەر تەلىيى ئوڭدىن كەلمىسە، نەچچە ئون يىل لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپمۇ بىرەر قېتىم كاتتىراق مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇنداق كىشىلەرمۇ خېلى كۆپ.
ئۇنداقتا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا مۇكاپات چىقىش نىسبىتى قانچىلىك؟ ئەگەر شاڭخەيدىكى 24 مىليون نوپۇستىن، ھەر بىر ئادەم بىر تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالسا، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت بىر ئادەملا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، مۇكاپات چىقىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. لاتارىيە بېلىتى ئارقىلىق باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر ئۈمىدنى قانچە چوڭ باغلىسا، كېيىنكى ئۈمىدسىزلىكىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشقا خۇمار بولۇپ قالدى. بەزىلەر مۇكاپات ئېچىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىپمۇ باقتى، لېكىن ھەر قېتىم مەقسىتىگە يېتەلمىدى. بەزىلەر ھەتتا قانچە كۆپ سېتىۋالسا، مۇكاپات چىقىش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ بارلىق بىساتىغا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدۇ، لېكىن يەنىلا تەلىيى ئوڭدىن كەلمەيدۇ.
بەزى تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قالىدىغان كىشىلەرمۇ بار، بىر كىشىگە 2018-يىلى بىر قېتىم كاتتا مۇكاپات چىققان، بىر يىل ئۆتۈپ، 2019-يىلى يەنە بىر قېتىم 30 مىليون يۈەن مۇكاپات چىققان. بۇ كىشى ئىككى قېتىمدا جەمئىي 190 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر گاڭگىراپ قالغان، ئەجەبا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنىڭ قانۇنىيىتى بارمۇ؟
كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بەزى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ھەمىشە ئىككى يۈەنلىك لاتارىيەدىن بىرنى سېتىۋىلىپلا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. تاسادىپىي كاتتا مۇكاپات چىقىپ قالسىغۇ مەيلى، ئۇدا كاتتا مۇكاپات چىقىپ قالىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ قالىدۇ، ئەمما بۇنداق مۇكاپات چىقىش ئېھتىماللىقى ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە، لاتارىيە كەسپىدە قالايمىقانچىلىقلار ئاز ئەمەس، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى تاراتقۇلار پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ خىيانەتچىلىك قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلىدى، ئەسلىدە كۆپچىلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىش جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى ئۈچۈن دەپ قاراپ كەلگەنىدى، ئەكسىچە بۇ پۇل ئاز ساندىكى شەخسلەرنىڭ چۆنتىكىگە كىرىپ كەتتى، بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر قوبۇل قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن لاتارىيە بېلىتىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 2019-يىلىدىن باشلاپ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەشكە باشلىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر كۈنى بېلەت سېتىۋېلىشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى ۋە مۇكاپات ئېلان قىلىش ۋاقتى ئوتتۇرىسىدا بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت بار، بۇ بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا زادى نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى مەركىزىدىكى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋاقىتتا لاتارىيە بېلىتى تەكشۈرۈلىدىغان ۋە سېلىشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىدىكى خادىملار نەق مەيداندا نازارەت قىلىدىكەن، لېكىن بۇ جاۋاب لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغۇچىلارنى قايىل قىلالمىدى، چۈنكى ھازىر دېگەن كومپيۇتېر ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات دەۋرى، ئىستاتىستىكا نەتىجىسىنى چىقىرىشقا پەقەت بىر نەچچە مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ، بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتمەيدۇ.
ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا لاتارىيە بېلىتىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئىزچىل ئۆرلىگەنىدى، 2019-يىلىدىن باشلاپ تۆۋەنلەشكە باشلىدى، بۇ ئاساسلىقى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ لاتارىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقانلىقىدىن بولدى، تۈرلۈك ئىچكى سىرلارنىڭ قاتلاممۇ-قاتلام ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان پۇلىنىڭ باشقىلارنىڭ شەخسىي چۆنتىكىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى.
نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ لاتارىيە ساھەسىگە بولغان ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتىدۇ، سېتىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىمۇ ئالدىن مۆلچەرلەنمەكتە. شۇڭا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا، ئاز پۇل خەجلەپ، باي بولۇش چۈشى خۇمارىڭىزنى باسسىڭىزلا بولدى، لاتارىيە سېتىۋېلىشنى باي بولۇشنىڭ يولى قىلىۋالماڭ، ئۇنداق قىلسىڭىز ئەرزىمەيدۇ.

