大数跨境

چېڭلوڭ رول ئالغاندا باشقىلارنى ئورنىدا ئىشلىتەمدۇ؟

چېڭلوڭ رول ئالغاندا  باشقىلارنى ئورنىدا ئىشلىتەمدۇ؟ EMINBIZ
2021-04-25
0

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر ھەمىشە ھازىرقى ياش ئارتىسلارنى بارغانسېرى ئەركە بولۇپ كەتتى، نۇرغۇن قىيىنچىلىق كوئېففىتسېنتى تۆۋەن، خەتىرى يوق ھەرىكەتلەرگىمۇ ئۆزىنىڭ ئورنىدا باشقىلارنى ئورۇنلاشتۇردۇ دېيىشىدۇ. كىشىلەر ياش ئارتىسلارنىڭ بۇ ئالدىراڭغۇلۇقنى تەنقىد قىلغاندا، دائىم بەزى كونا ئارتىسلارنى مىسال قىلىپ، ئۇلارنىڭ كەسىپنى قانداق قەدىرلەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. 



بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا  كىشىلەر  دائىم چېڭ لوڭنى ماختىشىدۇ.  نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ كەسىپنى قەدىرلەش پوزىتسىيىسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. نۇرغۇن كىشىلەر ياكى باشقىلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، چېڭلوڭنىڭ ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئورنىغا دەسسىمەيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئويۇن قويۇشقا نىسبەتەن ئۆزى قول تىقىدىغانلىقىنى بىلگەن. خەتەرلىك ھەرىكەت بولسىمۇ، ئۇ ئۆزى جەڭگە ئاتلاندى. ھەر قېتىم بۇ خەتەرلىك ئويۇنلارنى سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، چېڭلوڭ دائىم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىدۇ. 




لېكىن، چېڭلوڭنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىنتايىن  پىششىق چۈشىنىدىغان،  كۆزىتىش ئىقتىدارى ئۆتكۈر تاماشىبىنلار، چېڭلوڭنىڭ كىنو مەستانىلىرىنىمۇ ئۆز چېڭلوڭنىڭ ئەمەلىيەتتە باشقىلارنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر چېڭلوڭنى ھەقىقەتەن ئورنىغا باشقا ئادەم ئىشلەتكەن دەپ قارايدۇ. بەزى كىنو مەستانىلىرى چېڭلوڭنىڭ« ساقچى ھېكايىسى 2» ، « ساقچى ھېكايىسى III دەرىجىدىن تاشقىرى ساقچىسى» ، « مەن كىم» قاتارلىق فىلىملەردە باشقىلارنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن گۇمانلىق ئىزلار بارلىقىنى تىلغا ئالغان. لېكىن ئېنىق بولمىغانلىقتىن ، ئادەتتىكى تاماشىبىنلار ناھايىتى تەستە بايقايدۇ.




يەنە بىر تورداش چېڭلوڭنىڭ ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى بىر ۋىدېئونى تاپقان، بولۇپ ئۇ ۋىدېئودا، چېڭلوڭ ئۆز ئاغزى بىلەن ئۆزىنىڭ سەپلىمە ئارتىسى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇمانلاندۇرۇپ قويدى، چېڭلوڭنى ئورنىغا دەسسەتمىسىمۇ بولىدۇ دېمىگەنمىدى؟ تېخىمۇ كۆپ تورداشلار چېڭلوڭنىڭ ئورنىغا باشقا ئادەم ئىشلەتكىنىنى بايقىغاندىن كېيىن، بەزىلەر چېڭلوڭنى تەنقىدلەپ، ئۇنى ئادەم ئالدايدۇ،  ئۆزىگە قەستەن ئادەم ياسايدۇ،دەپ ئۇنى بارغانسېرى سەت تىللىدى. بۇ زادى قانداق ئىش؟ 





ئەمەلىيەتتە، چىڭلوڭ تەرەپ ئۇنى« ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىشلەتمەيمەن» دېمىگەن، بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خاتا تارقىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەينى يىلى، چېڭلوڭ ئۆزىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىدە، بەزى خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا ئۇ ئەزەلدىن ئورنىغا باشقا ئادەم دەسسىمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بۇ سۆز بەزى تاراتقۇلار تەرىپىدىن خاتا چۈشەندۈرۈلۈپ، « چېڭلوڭ رول ئالغاندا ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىمەيدىغان» بولۇپ قالدى. ئالدىنقى ماقالىنىمۇ تىلغا ئالغان، چېڭلوڭ ئۆزى ناھايىتى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزىنىڭ سەپلىمە ئارتىسىنىڭ بارلىقىنى، كۆپچىلىكنى ئالدىمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. 



چېڭ لۇڭنىڭ ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەش پوزىتسىيىسىدىن كىشىلەرنىڭ گۇمانلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما ھەممە ئادەم ھەممە ئىشنى مۇكەممەل قىلىشقا ئامالسىز، چىڭلوڭمۇ چىداشلىق بېرەلمەيدىغان ۋاقتى بار. شۇڭا، ئۇ كىنونى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ بەزى ھەرىكەتلەرنى ئورۇندىشىغا  باشقىلار ياردەم بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە چېڭلوڭمۇ بىر ئادەم، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق شارائىتى يار بەرمەيدىغان ئەھۋاللىرى بار، شۇڭا ئورنىغا دەسسەتكەننىمۇ بەزىدە ئۆزىنىڭ ئامالسىزلىقتىن بولدۇ.




مەسىلەن، چېڭلوڭنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ ئەسىرىنى ئالساق، فىلىمدە بىر  موللاق ئېتىپ تېپىش ھەرىكىتى بار، ئۇ ھەرىكەتنى باشقىلارنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس چيەن جيالې چېڭلوڭنىڭ ئورنىدا ئىشلىگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ قۇيۇن پۇتنى چېڭلوڭمۇ قىلالايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىلغىنى ئانچە چىرايلىق ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن فىلىمنىڭ مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن، چېڭلۇڭ چيەن جيالې نى ئۆزىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى ھاۋالە قىلغان. لى شياۋلۇڭمۇ ئوخشاش بەرداشلىق بېرەلمىگەن ۋاقىتتا، ئىلگىرى يۈەن خۇا لى شياۋلۇڭنىڭ ئورنىدا موللاق ئېتىش ھەرىكىتىنى تاماملىغان. 



لى شياۋلوڭغا كەلسەك، چېڭ لوڭ يەنە ئۆزىنىڭ لى شياۋلوڭغا ئالماشقۇچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، چېڭ لۇڭ« جىڭۋۇ چېن جېن» فىلىمىدە ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ لى شياۋلۇڭ بىلەن« جىڭۋۇ دەرۋازىسى» نى سۈرەتكە ئېلىشتىكى قىزىقارلىق ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەينى يىلى خۇڭ جىنباۋ، يۈەن بياۋ، يۈەن خۇالار بىلەن ئالاھىدە ماھارەتلىك ئارتىس بولغىنىنى ئاشكارىلىغان. 




ئەمما« جىڭۋۇمېن» فىلىمىدىكى ياپونىيەلىك لىڭمۇ كۇەننىڭ لى شياۋلوڭنىڭ بىر تېپىك بىلەن ئۇچۇۋاتقان كۆرۈنۈشى دەل چېڭلوڭنىڭ ئورنىنى ئالغان. چېڭلوڭمۇ لى شياۋلۇڭنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى ۋە ئۇنىڭغا چوقۇناتتى، ئۇ« ئەڭ قالتىس ھېكايە» نى سۆزلىگەندە، ئۆزىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ قالتىس ھېكايە ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدا لى شياۋلوڭ بىلەن« ئەجدىھا بىلەن يولۋاس تالىشىش» نى سۈرەتكە تارتىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. 





شۇڭا، « چېڭلۇڭ ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئورنىغا دەسسىمەيدۇ» دېگەن پىتنە-پاساتنى تېز توختىتىڭلار! لى شياۋلوڭ، چېڭ لوڭ ھەرقانچە قەيسەر بولسىمۇ، ھەر قانچە كەسىپچان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىنسان، ھامان بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ۋاقىتتا، باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىش ھەرگىزمۇ نومۇسسىز ئىش ئەمەس، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك. 




【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0