
«تىتانىك ناملىق پاراخوت» دېگەن كىنونى مەڭگۈ ھالقىش مۇمكىن بولمايدىغان كىلاسسىك مۇھەببەت ھىكايىسى دىيىشكە بولىدۇ. كىنودىكى جېك بىلەن روسى ئوبرازىمۇ كىنوچىلىق تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق ئېكران بىر چۈپلىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ كىنودىكى ئەر باش پىرسوناژ جېك (ئەسلى ئىسمى: لېئوناردو دىكاپرىئو ) نۇرغۇن قىزلارنىڭ قەلبىدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادىسىغۇ دەيمەن. بىراق بۈگۈن سۆزلەيدىغىنىمىز بۇ كىلىشكەن ئەر ئەمەس، بەلكى لېئوناردو دىكاپرىئو رول ئالغان يەنە بىر داڭلىق كىنو« چۈش ئوغرىلاش بوشلۇقى»(盗梦空间) دېگەن ڧىلىمدىكى ئايال پىرسوناژ ئاللېن پېجى.

1
ئۇ بىر مەزگىل ھوللىۋودنىڭ ئارزۇلۇق بالا چولپىنى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە سادىق بولۇشنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن سەل قارالغان، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تېخىمۇ زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى .

سىزنىڭ چوقۇم« چۈش ئوغرىلاش بوشلۇقى»(盗梦空间) دېگەن كىنودىكى بوشلۇقتا چۈش ياسىغۇچى ئالى ئادنې ئېسىڭىزدە بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ڧىلىمدە شياۋلىزىنىڭ چۈش ياسىشىغا ياردەم قىلىدۇ، ڧىلىمدىكى قىزىل كىيىمنىڭ شەكلى ئىنتايىن كلاسسىك.

يەنە ئاز تەننەرخ بىلەن چوڭ پايدىغا ئېرىشكەن كومېدىيە ڧىلىم« جۇنو»(朱诺) دىكى ھېلىقى توي قىلمىغان ئانا ئوبرازى. بۇ رولنى ئالغان ئاللېن پېجى 20 يېشىدىلا ئوسكار كىنو خانىشى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

لېكىن تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراپ، سىز يەنە ئۇنى تونۇيالامسىز؟

بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئېلىئوت پېجى (ئەسلىي ئىسمى ئاللېن پېجى) ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ ئەرگە ئايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى سۈرىتىنى ئېلان قىلدى: ئۇنىڭ تەبەسسۇمى پارلاپ تۇراتتى، بەدىنىنىڭ ئۈستى يالىڭاچ بولۇپ، قورساق مۇسكۇللىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، كالتە ئىشتىنى بولسا ئەرلەرنىڭ قىزىل رەڭ كالتە ئىشتىنى بولۇپ ، ئىجدىمائىي ئالاقە تورىغا «جىنس ھالقىغاندىن كىيىنكى تۇنجى سۇ ئۈزۈش ئىشتىنى»دەپ يازدى .

ئېلىئوت پېجى تاكى ئۇ 2014-يىلى ئۆزىنىڭ جىنىس ھالقىغانلىقىنى ئاشكارلىغانغا قەدەر ،بىر مەزگىل ھوللىۋودتىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن يېڭى يۇلتۇز بولۇپ قارالغان ئىدى. پىشقان رول ئېلىش ماھارىتى، ئىلاستىكلىقى يۇقىرى قىياپىتى بار بولۇپ، ھەم سودا فىلىملىرىغا، ھەم مۇستەقىل كىنولاردا خاراكتېرىنى نامايان قىلالايتى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن كىرىم تەمىناتى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى، مۇكاپات تۈرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشتە ئۇنىڭغا نۆۋەت تەگمىدى، چوڭ كىنولارنى ئىشلەشمۇ ئۇنىڭغا نېسىپ بولمىدى.

لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن قىلغان قارارىغا پۇشايمان قىلمىدى. قىز دوستى بىلەن توي قىلىپ، ئۆزىنىڭ جىنىس ھالقىغانلىقىنى جاكارلىغان سالاھىيى بۈگۈنكى كۈندە ئاشكارا ئوپېراتسىيە قىلغۇزغانلىققىچە ئۆزگەرگىنى، ئۇنىڭ تېخىمۇ تەنھا يولنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى.

ئاۋپرانىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ مۇنداق دېدى: « دەل مۇنچىدىن چىقىپ، بېلىمگە لۆڭگىنى ئوراپ، ئاندىن ئەينەكتىكى ئۆزۈمگە قارىسام، ئەينەكتىكىنىڭ ھەقىقىي ئۆزۈم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن.»
2
ئاللېن پېجى كىچىكلا نام چىقارغان، لېكىن بەلكىم دەل مۇشۇ سەۋەب ئۇنىڭ بۈگۈنكى قارارنى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولغان بولۇشى مۇمكىن. 10 يېشىدىن باشلاپ كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالغان، 16 يېشىدا يۇرتىدىن ئايرىلىپ تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئىزدىگەن، ئۇنىڭ ئويۇن قويۇش ئىشلىرىغا بولغان ئىنتىلىشى ئىنتايىن قەتئىي بولۇپ، رول ئالغان تەقدىردىمۇ رول ئېلىش ماھارىتىنى ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچمىگەن.

بىراق ئۇنىڭ ھەقىقىي نام-ئاتاققا ئېرىشكەن ۋاقتى بولسا 2005-يىلى. 18 ياشلىق ئۇ قورقۇنچلۇق فىلىم« مېۋە كەمپۈت» دە رول ئالغان. پەقەت 8 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان« جۇنو» ھەرقايسى چوڭ كىنو فېستىۋالىدا سانسىزلىغان مۇكاپات تۈرلىرى ۋە نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى، 20 ياشلىق ئاللېن تەبىئىي ھالدا بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ، ئوسكار كىنو خانىشى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى.

ئارقا-ئارقىدىن يېزىلغان نادىر ئەسەرلەر ئاللېننى ھەقىقىي تۈردە ھوللىۋود دۇنياسىغا باشلاپ كىردى. ئوسكار مۇكاپاتى، ئالتۇن توپ مۇكاپاتى، ئەنگلىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇكاپاتى تەرىپىدىن ئىلگىرى-كېيىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ، « دەۋر» ژورنىلى تەرىپىدىن ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە 100 شەخسنىڭ بىرى بولۇپ سايلىنىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئارتىس بولۇپ باھالىنىپ، ئامېرىكا ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئاممىۋى مەبۇدىسى بولۇپ قالغان...

ئاللېن ئۈچۈن ئېيتقاندا، نام چىقىرىشنىڭ بەدىلى زور. يەر-جاھاننى قاپلىغان خەۋەرلەر، مېڭىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان قىزىل گىلەملەر، سۈرەتكە ئېلىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ژۇرناللار ئۇنىڭغا: « كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزى بىلەن ھەقىقىي ئۆزى ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ» دەپ ئەسكەرتىپ تۇراتتى.

گەرچە ئاللېن يەنىلا كىنو كۆرۈشنى، ئويۇن قويۇشنى ياخشى كۆرسىمۇ، بىراق ئۇ ھوللىۋود ۋە ئۇنىڭ ئۆلچىمىگە ماسلىشالمىدى، ئۆزىنىڭ باربى قونچاققا ئوخشاش ئوينىلىشىنى ياقتۇرمىدى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش خىيالىغا كەلگەننى قىلسا بولمايدۇ، كىشىلەر قەلبىدىكى «ئوبراز»نى ساقلىشى كېرەك.

ئەينى چاغدا كىشىلەر ئاللېننىڭ خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش ۋە ئالاقزادىلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى: «گەرچە مەن بىر ئارتىس بولساممۇ، ئەمما مېنى تۇرمۇشتا ئاياللارنىڭ كىيىمىنى كىيگۈزۈش مېنى بىئارام قىلىدۇ».

3
بۇنداق ئۇزاق مۇددەتلىك بېسىم ئاستىدا، 2014-يىلىدىكى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا، ئۇ لاسۋېگاستا ئۆتكۈزۈلگەن« Time Thrive» پائالىيىتىدە ئۆزىنىڭ ھەمجىنىس ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ ۋاقىتتا پەستە بىر خىل جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى، ئارقىدىنلا چاۋاك ئاۋازى ياڭرىدى.

سىز ئاللېننىڭ تەرجىمىھالىغا قارىسىڭىز، ئۆزىنىڭ ھەمجىنىسلىقىنى ئاشكارلىغاندىن كىيىن، نامزات كۆرسىتىش ۋە مۇكاپات تۈرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى رەت قىلغانلىقىنى بايقايسىز.

ئۇ دەسلەپتە كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ قىزىل پاياندازدا مېڭىپ، ئوغۇللارچە كىيىملەرنى كىيىپ ئويۇن قويۇشنى شەرت قىلغان.

دەسلەپتە ئىشلىگۈچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىنولارنى ئىجاد قىلغان، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى LGBT مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم« كەسپداشلار» ، جۇلىئان مور بىلەن ھەمكارلاشقان ئوخشاش جىنىسلىق كىنو« رەت قىلىنغان ھايات» نى ئىشلىگەن.

ئەسلىدە ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ ئۇنى قارشى ئالغان ھوللىۋود ئۇنىڭغا ئىشىكىنى ئاستا يېپىپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا كەينىگە چېكىنمىدى. 2015-يىلى ئامېرىكا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ توي قىلىشىنى قانۇنلاشتۇردى، ئۇ 2018-يىلى قىز دوستى Emma بىلەن توي قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

قىسقىغىنە بىرنەچچە ئايدىن كېيىن، ئۇ« دەۋر»ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىقىپ، تۇنجى بولۇپ دەۋر ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان« جىنس ئاتلىغۇچى» دەپ ئاتالدى.


