
1
ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن دۆلىتىمىز كارخانىسى ئاپەت رايونىغا 50مىليون ئىئانە قىلىپ جۇڭگونى تەسىرلەندۈردى
7-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تەنھەرىكەت ماركىسى خۇڭشىڭ ئىركى(鸿星尔克)، جېڭجۇ خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى فوندىغا جىددىي 50 مىليون يۈەن ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىپ، خېنەن ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تورداشلار« ۋەيران بولاي دەپ قالغاندىمۇ، يەنە شۇنچە كۆپ پۇل ئىئانە قىلدى» دېگەندەك ئىنكاسلارنى بىرىپ، بۇ خەۋەر تېز سۈرئەتتە قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئەگەر بۇ قېتىمقى ئىئانە پۇل بولىمىغان بولسا، خۇڭشىڭ ئىركى دېگەن بۇ ئىسىم يەنە قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئېسىگە كېلىشى نامەلۇم.

خۇڭشىڭ ئىركىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك مەلۇمات جەدۋىلىگە قارايدىغان بولساق، ساپ پايدىسىدىن 60 مىليون يۈەن زىيان تارتقان. 2020-يىلى يىللىق گېزىتتە كۆرسىتىلىشىچە، ساپ پايدىسىدىن 220 مىليون يۈەن زىيان تارتقان ئىكەن. مانا مۇشۇنداق كارخانا بىراقلا 50مىليون چىقىرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان جۇڭگولۇق قېرىنداشلارغا قىلچە ئىككىلەنمەي ئىئانە قىلدى.

كىشىلەر بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە قىزغىنلىق بىلەن كىرىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ماللىرىنى قىزغىنلىق بىلەن سېتىۋالدى، ئەمما ھەممە ئادەم سېتىش مىقدارىغا ئىتىبار بىرىدىغان ئالاقە تورى دەۋرىدە، خۇڭشىڭ ئىركىنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ كۆپچىلىكنى كۈچەپ سېتىۋېلىشقا پۇرسەت بەرمەي، كۆپچىلىكنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشقا ئۈندىدى. خۇڭشىڭ ئىركىنىڭ باش لىدىرى ھەتتا كەچتە ئۆزى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە كىلىپ كۆپچىلىكنى« مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش، ئېھتىياجى يوقلىرىنى سېتىۋالماسلىق» نى تەشەببۇس قىلدى.


خۇڭشىڭ ئىركىنىڭ بۇنداق ۋەششىي سېتىلىشى ئەمەلىيەتتە مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر مەسىلە. كۆپچىلىك خۇڭشىڭ ئىركىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ قىممەت ئايىغىنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى سورىدى. ئەمما ئەڭ قىممەتلىرىنىڭ ئىككى ئۈچ يۈز يۈەن ئىكەنلىكىنى، بۇ ئاياغلارنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ يۈز نەچچە يۈەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بىزنىڭ ياشلىرىمىز بۇ ئىشتىن ئىنتايىن ھەيران قالغاندەك قىلاتتى.

خۇڭشىڭ ئىركىنىڭ باھاسى ئېلىمىز خەلقىنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىگە ھەقىقىي ئۇيغۇن كېلىدىغان مەھسۇلات. ئۇنىڭ سۈپىتىمۇ ياخشى، لايىھىلىنىشىمۇ يامان ئەمەس، نېمىشقا بۇ قىتىمقى ئىئانە توپلاش پۇرسىتىدە كىشىلەر ئاندىن مۇشۇنداق ئۆز ماركىمىزنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ ؟
2
تورداشلار بەس-بەستە خوڭشىڭ ئىركىنى قوللاشقا باشلىدى
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، خۇڭشىڭ ئىركىنىڭ تاۋباۋ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە كۆرگەنلەر 20 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىر ھەپتە ئىلگىرى، بۇ سانلىق مەلۇمات ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 5000 ئادەم قېتىمدىن ئاشمايتى، بىراق ھازىر شىددەت بىلەن 4000 ھەسسە ئاشقان!

دوۋيىندىكى بىۋاستە كۆرسىتىش تېخىمۇ شۇنداق. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، ڧىيگۇا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوۋيىن ئۇدا 48 سائەتكە يېقىن بىۋاسىتە تارقاتقاندىن كېيىن، خۇڭشىڭ ئىركىنىڭ دوۋيىندىكى بىۋاسىتە تارقىتىش ئۆيىنىڭ قوللاش مىقدارى 420 مىليونغا يېتىپ، دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى ياراتقان، خۇڭشىڭ ئىركىنىڭ ئۈچ دوۋيىن بىۋاسىتە تارقىتىش ئۆيىنىڭ جەمئىي سېتىش سوممىسى 130 مىليون يۈەندىن ئاشقان. تورداشلار بەس-بەستە بىۋاسىتە تارقىتىش ئۆيىدە نۇرغۇن قىززىقارلىق ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپ خۇڭشىڭ ئىركىنى قوللىغان.



خۇڭشىڭ ئىركى دۇكىنى يېرىم كېچە سائەت 12 دە خېرىدارلار بىلەن لىق تولدى: توردىن تالىشالمىدىم، نۇرغۇن كىيىملەرنىڭ نىڭ نومۇرى تۈگەپ كەتتى
خۇڭشىڭ ئىركى تور سىرتىدىكى ئەمەلىي دۇكاننىمۇ ئىستېمالچىلار زور كۈچ بىلەن قوللىدى. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدە يېرىم كېچە سائەت 12 دە خۇڭشىڭ ئىركى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى يەنىلا تىجارەت قىلىۋاتاتتى، دۇكان خېرىدارلار بىلەن لىق تولدى. بىرەيلەن ئىشتىن چۈشۈپلا يېتىپ كېلىپ، خۇڭشىڭ ئىركىنىڭ ئىئانە توپلاپ خېنەنگە ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزى ئالايىتەن كېلىپ قوللىدى. بەزىلەر توردىن تالىشىپ ئالالمىغاچقا، ئەمەلىي دۇكانغا كېلىپ سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى. پىركازچىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خېرىدارلار بەك قىزغىن بولۇپ، نۇرغۇن تاۋارلارنىڭ نومۇرى تۈگەپ كەتكەنىدى.


ئەر خۇڭشىڭ ئىركىدىن 500 يۈەنلىك نەرسە سېتىۋىلىپ 1000يۈەن تۆلەپلا قېچىپ كەتتى
7-ئاينىڭ 23-كۈنى، بىر ئەر جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرى خۇڭشىڭ ئىركى دۇكىنىدىن 500 يۈەنلىك مەھسۇلات سېتىۋالدى، ھېسابات قىلغاندا، ئەر ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ 1000 يۈەن تۆلەپ كەينىگە بۇرۇلۇپلا قېچىپ كەتكەن، ئۇ كەتكەندىن كېيىن دۇكاندار ئاندىن ئۇنىڭ پۇلنى ئارتۇق بەرگىنىنى ھىس قىلغان. ھازىر پىركازچىك پۈتۈن توردا بۇ ئەرنى ئىزدەۋاتىدۇ.
خېرىدارلار بىراقلا 30 نەچچە مىڭ يۈەنلىك تەنھەرىكەت ئايىغىنى سېتىۋالغان
خەۋەر قىلىنىشىچە، مۇخبىر خۇڭشىڭ ئىركى بىلەن ئالاقىلىشىپ، خۇبېي رايونىدىكى دۇكانلارنىڭ يېقىندا سېتىلىش مىقدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە يەككە دۇكانلارنىڭ بىر كۈنلۈك سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىدىن 130 نەچچە ھەسسە ئاشقانلىقىنى، بەزى خېرىدارلارنىڭ بىراقلا 30 نەچچە مىڭ يۈەنلىك تەنھەرىكەت ئايىغىنى سېتىۋالغانلىقىنى ئىگىلىگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، سودا سارايلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خۇڭشىڭ ئىركى تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ سودا سارايغا مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 6دىن ئاشقاندا، بىر ئەر خېرىدار بىر قېتىمدىلا 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئاياغ سېتىۋالدى، ئىسمىنى خۇڭشىڭ ئىركى دەپ ئاتىدى. جۇڭشاڭ تۈرلۈك ماللار بازىرى پىنماۋ دۇكىنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 24- چېسلا ئىشىك ئېچىلىشى بىلەنلا، نۇرغۇن خېرىدارلار ئۇدۇل خۇڭشىڭ ئىركى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا بارغان، پۈتۈن بىر كۈن ئىچىدە، بۇ مەخسۇس دۇكاندىكى خېرىدارلار ئۈزۈلۈپ قالمىغان، ھەتتا ئادەتتىن تاشقىرى قىستاڭچىلىق بولغان.

بىر تورداش قوشكىزەك بالىسىغا خوڭشىڭ ئىركى دەپ ئىسىم قويدى
تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە: 7-ئاينىڭ 24-كۈنى، « دۈەن زىرۈي» ئىسىملىك بىر تورداش سىن كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلىپ، ئايالىنىڭ قوشكىزەك بالا تۇغقانلىقىنى، چوڭ بالىسىنىڭ ئىسمىنى « دۈەن خۇڭشىڭ» ، ئىككىنجى بالىسىنىڭ ئىسمىنى« دۇەن ئىركى» دىپ قويغانلىقىنى چىقارغان. بىر تورداش باھا بېرىپ: « باشقىلار ئاياغ تالاشسا، سىز زاۋۇت نامىنى تالىشىۋاپسىز» دېگەن.

3
نۇرغۇن دۆلەت كارخانىلىرى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ چىقاردى
خېنەندە ياغقان قارا يامغۇردا كىشىلەر نۇرغۇن ۋىجدانلىق جۇڭگو كارخانىلىرىنى بايقىدى. مىشۆ مۇز شەھىرى(蜜雪冰城) ئەسلىدىنلا خېنەن كارخانىسى، بۇ قېتىملىق قارا يامغۇر ئۇلارنىڭ نۇرغۇن دۇكانلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇلار ئۆز ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە 22مىليون ئىئانە قىلدى، كېيىن ئاپەت ئەھۋالىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قوشنا رايونغا يەنە 3 مىليون يۈەن قوشۇپ ئىئانە قىلدى.

خۇاۋېي 1100 دىن ئارتۇق ئىنژېنېرنى بىرىنچى سەپكە ياردەمگە ئەۋەتىپ، خېنەننىڭ ئالاقىسىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ ئىنژېنېرلار مېترو شىركىتى، نۇقتىلىق دوختۇرخانا، ھەر خىل سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىدە كېچىلەپ جىددىي رېمونت قىلىپ خەۋەرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلدى. 1998-يىلىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە، ئەينى چاغدا تېخى زورايمىغان خۇاۋېي قىلچە ئىككىلەنمەستىن 40 مىليون يۈەن ئىئانە قىلغان، 20 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئاز دېگەندىمۇ 400 مىليون يۈەن ئىئانە قىلغان.

چىرۈي ئاپتوموبىل شىركىتى بۇلتۇر 7 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپقان، بىراق خېنەنگە 35 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى.

گۈيرىننىياۋ گۇرۇھى(贵人鸟) 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋەيران بولۇپ قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىن، يەنە 30مىليون ئىئانە قىلدى، خوجايىن ۋە خىزمەتچىلەر ھازىر يەنىلا ئالدىنقى سەپتە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. گۈيرىننىياۋ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، 20 يۈەنلىك مايكا ۋە 100 يۈەنلىك تەنھەرىكەت ئايىغى سېتىلىۋاتقان بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىدە ئەرزان.

بۇ قىتىمقى ئاپەتكە يەنە نۇرغۇن دۆلىتىمىز كارخانىلىرى ياردەم قولىنى سۇنغان بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگو خەلقى بىرلىكتە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قىيىنچىلىقتىن بىرلىكتە ئۆتمەكتە، ئاخىرىدا مۇشۇ ياردەم قىلغان دۆلەت كارخانىلىرى ۋە ئالدىنقى سەپتە ئاپەتكە تاقابىل تۇرىۋاتقان قەھرىمانلىرىمىزغا ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.


