大数跨境

مەغرۇر چېلىشچى كاننانىڭ مۇسابىقە ھاياتى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى

مەغرۇر چېلىشچى كاننانىڭ مۇسابىقە ھاياتى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى EMINBIZ
2021-07-20
2




كاننا ماگرېگ ئىرېلاندىيە ئۇنىۋېرسال چېلىشىش تەنھەرىكەتچىسى، 2012-يىلى CWFC (قەپەس ئېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى) نىڭ قوش چېمپيونى بولغان،ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر ماھىرى تام ئېگېندىن كېيىنكى، UFC ئىمزالىغان ئىككىنچى ئىرېلاندىيەلىك چېلىشىش تەنھەرىكەتچىسى.



بۇ قىتىمقى «UFC264» مۇسابىقىسى بۇرۇنقىدەك ئۆز ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى، كۆپچىلىك ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان مۇسابىقە كاننا ماگرېگنىڭ داستىن پۇۋاللېر بىلەن بولغان ئۈچىنچى قېتىملىق جېڭى ئىدى! مۇسابىقىدىن بۇرۇن، ئىككى ئادەمنىڭ ئاداۋىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.



كاننانىڭ ئىرېلاندىيەلىك يۇرتدىشى، سابىق Raw ئاياللار چېمپىيونى بېككى لىنچ بۇ ئىككىسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمىدە ئاۋاز بېرىشنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ، كاننا ماگرېگنى چوقۇم قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ كاننانى ئۈچىنچى قېتىملىق جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، دەپ قارىدى. 



مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، كاننا ھەتتا پۇۋاللېرغا ئۆلۈم خېتى يېزىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ سەككىز بۇرجەكلىك قەپەستە ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ سەككىز بۇرجەكلىك قەپەستىن تىرىك چىقىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.  



ئېغىرلىق ئۆلچەش مۇراسىمىدا، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بەرگىلى تاس قالدى. تىركىشىش جەريانىدا كاننا ھەتتا بىر تېپىكتە پۇۋاللېرنى تېپىۋەتكىلى تاس قالدى. 




مۇسابىقىدىن كېيىن، UFC رەئىسى بەيدانامۇ كاننانىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، تېخىمۇ مۇھىمى مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ماھىرلار ئېغىرلىق ئۆلچەش مۇراسىمىدا مۇشۇنداق نامۇۋاپىق ئىپادىسى بولسا، ئۇنداقتا UFC ئۇنىڭغا مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى بېرىدۇ! »


ئۇنداقتا بۇ ئىككەيلەننىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىسى قانداق بولدى؟ ئىشىنىمەنكى، نۇرغۇن ھەۋەسكارلار بىۋاستە كۆرسىتىشنى كۆرۈپ بولدىغۇ دەيمەن، ئەمما نەتىجىسى نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. 



بىرىنچى ئۇچرىشىشتىكى كۈچ سىنىشىشتا، كاننا پۈتۈن جەرياندا پاسسىپ ھالەتتە دېيىشكە بولىدۇ ھەمدە پۇۋاللېر تەرىپىدىن ئۇرۇلىدۇ. گەرچە ئىككى قېتىم كۈچلۈك قۇلۇپ تىخنىكىسى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما رەقىبى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. لېكىن بىرىنچى ئۇچرىشىشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا يەنە 10 سېكۇنتمۇ قالمىغاندا، تۇيۇقسىز كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەردى!



كاننا كەينىگە چېكىنىش جەريانىدا ئۆزىنى رۇسلىيالماي، ئۆزىنىڭ ئوشۇقىنى 90گرادۇس قايرىۋالدى. تۆۋەندىكى كۆرۈنۈش بىر قەدەر قورقۇنچلۇق، پىسخىكىلىق بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناچارلار ئېھتىيات بىلەن كۆرۈڭ... 



كاننانىڭ پۇتى سۇنغاندىن كېيىن، رېپېر مۇسابىقىنى دەرھال توختاتمىدى، بۇمۇ پۇۋاللېرغا ياخشى پۇرسەت بولدى، ئۇ كانناغا بىر نەچچە سېكۇنت جەينەكلەپ زەربە بەردى ۋە مۇش ئاتتى. بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دوختۇرلارمۇ مەيدانغا كىرىپ كاننانىڭ يارىسىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ داۋاملىق مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. 



بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەنىلا داستىن پۇۋاللېر بىرىنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتىلا كاننا ماگرېگنى ئۇتىۋالدى، بۇ كاننانىڭ كەسپى ھاياتىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق مەغلۇبىيىتى ئىدى، ئالدىنقى قېتىمقىسى بولسا يېرىم يىل بۇرۇنقى UFC 257 دا بولۇپ، ئەينى چاغدىكى رەقىبىمۇ يەنىلا داستىن پۇۋاللېر ئىدى. 



مۇسابىقىدىن كېيىن، زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، كاننا بىلەن پۇۋاللىر ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم تىل توقۇنۇشى يۈز بەردى، پۇۋاللىر تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: «كاننا ھەقىقەتەن ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كىتىپتۇ». كاننا قايتۇرما زەربە بېرىپ مۇنداق دېدى:« ئىككىيلەننىڭ ئاداۋىتى تېخى ئاخىرلاشمىدى ».



كاننانىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى، يەنە كېلىپ نۇرغۇن كىشىلەر: « ئەگەر كاننانىڭ بەدەن ساپايى مۇشۇنداق بولسا، بۇ ياشتا پۇتى سۇنۇپ كېتىشى بەلكىم ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنى  كىرىزىسقا دۇچار قىلىشى مۇمكىن» دېدى. 



ئەمما، كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز كاننا ماگرېگنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز. 



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 307
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读282
粉丝0
内容307