大数跨境

بانكا نېمىشقا ئۆزى ساتقان ئالتۇننى سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ

بانكا نېمىشقا ئۆزى ساتقان ئالتۇننى سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ EMINBIZ
2021-08-01
0



بۇلتۇر يىل بېشىدا يەر شارىدا يۇقۇم يامرىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بازارغا زور مىقداردا پۇل قويۇپ بەردى، بۇ دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ زور دەرىجىدە پاخاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئۆرلەشكە باشلىدى. ھازىر، خەلقئارادا ئالتۇن باھاسى ھەر ئۇنسىيەسى 1800 دوللاردىن ئېشىپ، 1900 دوللارغا يېقىنلاشتى. بۇ ئالدىنقى مەزگىلدە دۆلەت ئىچىدە ئالتۇن سېتىۋالغانلارنى خۇشال قىلىۋەتتى، ئۇلار خەلقئارادا ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆستى، ئەمدى دۆلەت ئىچىدىكى ئالتۇننىڭ باھاسىمۇ ماسقەدەمدە ئۆسىدۇ، پۇل ئىناۋىتىدە كرىزىس يۈز بەرگەندە، ئالتۇننى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرۇپ پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ناھايىتى ياخشى ئىش، دەپ قارىدى.

رېئال تۇرمۇشتا ئالتۇننىڭ سانائەتتە ئىشلىتىلىشى ئانچە چوڭ ئەمەس، لېكىن ئالتۇننىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى بىر قەدەر مۇقىم، يەنە كېلىپ مىقدارى چەكلىك، پۇل ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولغاچقا، قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلگەن. 19-ئەسىردە ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە بىر ئۇنسىيە ئالتۇنغا بىر يۈرۈش ئالىي دەرىجىلىك كاستۇم-بۇرۇلكا تىكتۈرگىلى بولاتتى، 100 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بىر ئۇنسىيە ئالتۇنغا يەنىلا ئوخشاش ئالىي دەرىجىلىك كاستۇم-بۇرۇلكا تىكتۈرگىلى بولىدۇ، بۇ ئالتۇننىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە قىممەت ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدۇ.

دۆلەت ئىچىدە ئالتۇننى سەرراپخانىلاردىن سېتىۋالغاندىن باشقا، يەنە بانكىدىنمۇ سېتىۋالغىلى بولىدۇ، نۇرغۇن تورداشلار ھازىر ئالتۇن سېتىۋېلىش ئاسان، سېتىپ چىقىرىش قىيىن، كۆپ ساندىكى ئالتۇن دۇكانلىرى ئالتۇننى قايتا سېتىۋالمايدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى بانكىلاردىلا ئالتۇننى قايتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان مەخسۇس پۇكەي بار، نېمىشقا بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، دەپ سورىدى. بۇ ھەقتە، مەن بۇرۇن بانكا خىزمەتچىلىرىدىن سۈرۈشتۈرگەن، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇنى تۆۋەندىكى ئۈچ سەۋەبكە يىغىنچاقلاشقا بولىدىكەن:

بىرىنچى، ئەگەر ئىستېمالچىلارنىڭ بانكىدىن سېتىۋالغىنى خاتىرە خاراكتېرلىك ئالتۇن مەھسۇلاتى بولسا، بۇ خىل مەھسۇلات ئادەتتە بانكا ھەر يىلى چاغاندا چىقىرىدىغان 12 مۆچەل ئالتۇن بۇيۇمى بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى ئىستېمالچىلارنىڭ يىغىپ ساقلىشى ۋە خاتىرىلىشى ئۈچۈن، شۇڭا بانكا بۇلارنى ھەرگىز قايتۇرۇپ سېتىۋالمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالتۇن زەنجىر، ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن بىلەيزۈك قاتارلىق ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىنى بانكىلار قايتۇرۇپ سېتىۋالمايدۇ.

ئىككىنچى، بانكىلار ھازىر پەقەت ئىلگىرى ئۆز بانكىسىدىن سېتىۋالغان زىخچە ئالتۇنلارنىلا قايتۇرۇپ سېتىۋالىدۇ، يەنە كىلىپ پەقەت بەلگىلەنگەن مەخسۇس پوكەيدىلا سېتىۋالىدۇ. چۈنكى بانكىدىن زىخچە ئالتۇن سېتىۋالىدىغان خېرىدارلار بەك كۆپ بولغاچقا، بانكا ئالتۇننى سېتىۋالغاندا ئالتۇننىڭ راست-يالغانلىقىنى، گرام سانىنى تەكشۈرىدۇ، يەنە مەھسۇلاتنىڭ رەت نومۇرى، گۇۋاھنامىسىنى دەلىللەيدۇ، تەكشۈرگەندىن كېيىن زىخچە ئالتۇننىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەندە ئاندىن سېتىۋالىدۇ. لېكىن، مەسىلە شۇكى، دەسلەپكى باھالاش ھەققىنى ئالتۇننى ساتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئەمما كۆپ قىسىم خېرىدارلار بۇ پۇلنى خەجلەشنى خالىمايدۇ، شۇڭا بانكىلار خېرىدارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە «سېتىشنىلا بىلىپ، قايتۇرۇپ سېتىۋالماسلىق» تەك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ.

ئۈچىنچى، ئەگەر خېرىدار بانكىدىن سېتىۋالغان زىخچە ئالتۇننى ئېلىپ يۇقىرى باھادا بانكىغا سېتىپ بەرمەكچى بولسا، بىلىش كېرەككى بانكىمۇ پايدا ئېلىشى كېرەك. ئالتۇننى باھالاش ھەققىنى چىقىرىۋەتكەندىمۇ، بانكىلار ھامان ئۆزلىرىگە ئازراق پايدا بوشلۇقى قالدۇرۇپ قويىدۇ، شۇڭا خېرىدارلار دۆلەت ئىچىدە ساتقان ئالتۇننىڭ باھاسى خەلقئارا ئالتۇن باھاسىدىن خېلىلا تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا خېرىدارلار شۇنچە ئاۋارە بولۇپمۇ، تۈزۈك پايدا ئالالمايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، دۆلەت ئىچىدە ئالتۇن سېتىۋېلىش ئاسان، ئالتۇننى سېتىپ چىقىرىپ نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇش تەس، بانكىدا قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش كەسپى بار دېگەندىمۇ، قويغان باھاسى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ، خېرىدارمۇ ھېچقانچە پۇل تاپالمايدۇ.

يىغىنچاقلىساق، يېقىندا خەلقئارادا ئالتۇننىڭ باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىدى، دۆلەت ئىچىدىكى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلىدى، لېكىن ئادەتتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالتۇن سېتىۋالغانلىق ھەرگىزمۇ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. نېمىشقا دېگەندە، بىرى، ئەگەر سىز سېتىۋالغان ئالتۇن خاتىرە بويۇمى، ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بولسا، بانكىلار چوقۇملا ئۇنى قايتۇرۇپ سېتىۋالمايدۇ. يەنە بىرى، سىز زىخچە ئالتۇننى بانكىغا سېتىپ بەرسىڭىز، بانكىمۇ نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ باھالايدۇ، بۇ باھالاش ھەققىنى ئادەتتە ئالتۇننى ساتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بانكا سىزنىڭ ئالتۇنىڭىزنى سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىگە چوقۇم بىر قىسىم پايدا بوشلۇقى قالدۇرۇپ قويىدۇ، ئالتۇن ساتقۇچى ھېچقانچە پايدا ئالالمايدۇ. شۇڭا، دۆلەت ئىچىدە ئالتۇن سېتىۋېلىش ئاسان، ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملارنى سېتىپ چىقىرىش تەس بولۇپ قالغان.



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0