
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ قەرز نىسبىتى بارغانسېرى ئۆرلەۋاتىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ قەرز كۆلىمى 200 تىرىليون يۈەنگە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قەرز 142 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. بۇ ئاساسلىقى ئاھالىلەرنىڭ پۇل قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىش، ئىستېمال قىلىش، مائارىپ، كېسەل كۆرسىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چىقىمىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن بولغان. بولۇپمۇ ئاھالىلەرنىڭ ئۆي قەرز پۇل كۆلىمى 38 تىرىليون يۈەنگە يەتكەن. ئادەتتە پۇل قەرز ئېلىپ ئىستېمال قىلىدىغانلار ئاساسلىقى 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قەرزى 130 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.
مەيلى پۇل قەرز ئېلىپ ئىستېمال قىلىش بولسۇن ياكى پۇل قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىش بولسۇن، ھەتتا شەخسلەر ئارا پۇل قەرز ئېلىش بولسۇن، ئالغان قەرزنى قايتۇرۇش قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت. ئەگەر بىر ئادەم بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىپ ئۇنى قايتۇرمىسا، ئۆزى لەۋزىدە تۇرمىغانلار قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپلا قالماستىن، بەلكى پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى، ھەربىيلىككە قاتنىشىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ. لېكىن، 2022-يىلىدىن باشلاپ، تۆۋەندىكى بەش خىل قەرزگە قايتىدىن تەبىر بېرىلىدۇ:
بىرىنچى، قىلتاق قەرز. مىسالغا ئالساق، بەزى قەرز بېرىش شىركەتلىرى ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىرىم مەنبەسى يوقلۇقى، مۇناسىپ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا بۇ ئوقۇغۇچىلارغا پۇل قەرز بېرىپ ھەمدە يۇقىرى ئۆسۈم ئېلىپ، ئاخىرىغا كەلگەندە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەرزى بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىدۇ. قەرز بېرىش شىركىتى زورلۇق كۈچ ياكى تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قەرز قايتۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا-ئانىسىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئەڭ تىپىك قىلتاق قەرز بولۇپ، بۇنداق خىلدىكى قەرز ئىگىلىرى ئالغان قەرزنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
ئىككىنچى، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز. دۆلىتىمىزنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بانكىنىڭ نورمال قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ 4 ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولۇپ، دۆلىتىمىز قانۇنىدا ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. چۈنكى، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز ئالسىلا، دومىلىما ئۆسۈم پەيدا بولۇپ، قەرز بارغانسېرى كۆپىيىپ، كۆپ ھاللاردا قەرز ئالغۇچىنىڭ خانىۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە قارىتا، قەرز ئالغۇچى قەرز ئالغان پۇلنىڭ دىرى بىلەن نورمال دائىرىدىكى ئۆسۈمىنى قايتۇرسىلا بولىدۇ. ئەگەر قەرز بەرگەن شىركەت تەھدىت سېلىش ۋە زوراۋانلىق ۋاستىسىنى قوللانماقچى بولسا، قەرز ئالغۇچى ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئارقىلىق قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىسا بولىدۇ.
ئۈچىنچى، باش ئېلىش ئۆسۈمى. مەسىلەن، مەلۇم بىر كىشى قەرز بېرىش شىركىتىدىن 10 مىڭ يۈەن قەرز ئالماقچى بولسا، توختامدا پۈتۈشكەن ئۆسۈم %15 بولىدۇ، لېكىن قەرز بېرىش شىركىتى قەرز بەرگەندە پەقەت 8000 يۈەن بېرىپ، قالغان 2000 يۈەننى كاپالەت پۇلى قىلىپ تۇتۇۋالىدۇ، لېكىن توختامدا يەنىلا 10 مىڭ يۈەن قەرز پۇل بېرىلدى، توختامدا پۈتۈشكىنى بويىچە %15 ئۆسۈم تۆلەيدۇ دەپ يېزىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، قەرز ئالغۇچى ئەمەلىيەتتە توختامدا پۈتۈشكەن پۇلنى تولۇق ئالالمايدۇ. بۇنداق باش ئېلىش ئۇسۇلى قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، قانۇننىڭ ھېچقانداق قوغدىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا، قەرز ئالغۇچى قانۇن ۋاستىسى ئارقىلىق قەرز قايتۇرۇشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىسا بولىدۇ.
تۆتىنچى، ئەر-خوتۇن بىر تەرەپنىڭ ئايرىم قەرزى. ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەر-خوتۇندىن بىر تەرەپ قەرز ئالغاندىن كېيىن، يەنە بىر تەرەپ بولغان ئايالى ياكى ئېرى قارشى تەرەپكە ۋاكالىتەن قەرز قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. قەرز ئالغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ھەقىقەتەن قەرزنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، چوقۇم قەرز ئالغۇچىنىڭ ئۆزىنى سۈيلىشى كېرەك، قەرز ئالغۇچىنىڭ خوتۇنى ياكى ئېرىدىن قەرز سۈيلەش ھوقۇقى يوق.
بەشىنچى، شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئېلىۋالغان قەرز. مەسىلەن، مەلۇم بىر كىشىنىڭ كىملىكى چۈشۈپ قالغان، نەتىجىدە قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۇنىڭ كىملىكىدىن پايدىلىنىپ قەرز ئېلىش شىركىتىدىن بىرمۇنچە قەرز ئالغان، ئاندىن پۇلنى بۇزۇپ چېچىپ تۈگىتىۋەتكەن، قەرز ئېلىش شىركىتى بولسا كىملىكتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن قەرز سۈيلەپ ئۇ كىشىنىڭ ئۆيىگە ئىزدەپ كەلگەن. بۇ خىل ئەھۋالدا، بۇ كىشى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ھېچقانداق قەرزىنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بۇ ۋاقىتتا دەۋالاشقۇچى سوغۇققان بولۇشى، ئۆزىنىڭ قەرز ئالمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات تېپىشى، ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئارقىلىق ساقچىدىن ياردەم سورىشى كېرەك. پەقەت ساقچىلار ئۇ كىشىنىڭ بۇ قەرزنى ئالمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىنلا، ئاندىن بۇ قەرزنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
ئالغان قەرزنى قايتۇرۇش قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت، ئەگەر پۇل-مۇئامىلە ئاپاراتلىرىدىن قەرز ئېلىپ قايتۇرمىساق، لەۋزىدە تۇرمىغانلار قارا تىزىملىكىگە كىرىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن، يۇقىرىقى بەش خىل قەرز بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، بۇ بەش خىل قەرز ئىناۋەتسىز دەپ قارىلىپ، ئالاقىدار كىشى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىسىمۇ بولىدۇ. گەرچە بۇ ئىشلارنىڭ بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىشى ناتايىن بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك بۇ بىر نەچچە تۈرلۈك قەرزگە قارىتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ، مۇبادا يولۇقۇپ قالسا، ئالاقىدار قانۇن ماددىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قوغدىشى كېرەك.

