
كۈن چىققاندا ئىشلەش، كۈن كىرگەندە دەم ئېلىش بىزنىڭ ۋاقىتقا ماسلىشىپ شەكىللەندۈرگەن دەم ئېلىش ئادىتىمىز. لېكىن، بۇ دۇنيادىكى ھەممە بۇلۇڭ - پۇچقاقلار كۈن چىقىش، ئاي پېتىش ئەھۋالىغا قاراپ تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ. نورۋېگىيەنىڭ ئەڭ شىمالىدا سومالوي دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاي بار.)ئارال، يەنە يازلىق ئارال دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۇنيادىكى تۇنجى «ۋاقىتسىز رايون» بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ۋاقىتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن. نۇرغۇن ساياھەتچىلەر «ۋاقىتسىز رايون» غا قىزىقىپ، بۇ يەرگە كېلىپ سىرلىق نەرسىلەرنى ئىزدىدى.

شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى ئىچىدە قۇتۇپ كۈندۈزى ۋە قۇتۇپ كېچىسى ھادىسىسى بولىدۇ، كۆپ ھاللاردا شىمالغا سۈرۈلگەن جايلاردا قۇتۇپ كۈندۈزى ۋە قۇتۇپ كېچىسىنىڭ كۈن سانى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ؛شىمالىي قۇتۇپ نۇقتىسىدا بىر يىلدا پەقەت بىرلا قېتىم كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش بولىدۇ،بىر يىل ئىچىدە يېرىمى كۈندۈز يېرىمى كېچە.
سومالوي ئارىلى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىدىكى نورۋېگىيەنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان، ئارالدا تەخمىنەن 350 ئاھالە ياشايدۇ، ئۇلار بېلىقچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھەر قېتىم 5 - ئاي كىرگەندە، بۇ يەردە قۇياش كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ يەردە 69 كۈن قۇتۇپ كۈندۈزى ۋاقتى باشلىنىدۇ.

بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا,69 كۈن كۈندۈز، كېچە بولمىسا قانداق قالايمىقان تۇيغۇ بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس. يەرلىك كىشىلەر سەھەر سائەت 2 دە توپ تېپىپ، سەھەر سائەت 3 تە چىملىقلارنى قىرقىپ، ئۆيلەرنى ئاقارتىپ، سۇ ئۈزىدۇ؛ يەنە بىر نەچچە كۈن دېڭىزغا چىقىپ بېلىق تۇتىدۇ، ئىشقىلىپ كۈندۈزى ياز كۈنلىرىدىكى قۇياش نۇرىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىدۇ. «كۈن چىققاندا ئىشلەش، كۈن كىرگەندە ئارام ئېلىش» قانۇنىيىتى بۇ يەردە ماس كەلمەيدۇ، كۆپچىلىك ھېرىپ كەتكەندە ياكى ئۇيقۇسى كەلگەندە ئاندىن ئۇخلاشنى ئويلايدۇ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد شۇنداق بولىدۇ.مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ۋاقىت بۇ يەردە پۈتۈنلەي ئەھمىيىتىنى يوقاتتى.

قۇتۇپ كۈندۈزى بار يەردە، تەبىئىي ھالدا قۇتۇپ كېچىسىمۇ بولىدۇ. 11 - ئاي كىرگەندىن كېيىن، ئۇزۇن قۇتۇپ كېچىسى باشلىنىدۇ؛ بۇ چاغدا قىش پەسلى ئىدى،پۈتكۈل ئارال قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ، خۇددى چەكسىز ئۇيقۇغا كەتكەندەك بولدى. ئاھالىلەر ئويغانغاندىن كېيىن پەردىنى ئېچىۋەتتى، يەنىلا قاراڭغۇ كېچە ئىدى، كۆپچىلىكنىڭ كۈندىلىك پائالىيىتىمۇ ياز پەسلىدىكىدەك جانلىق ئەمەس ئىدى. بىراق ھەر يىلى 9 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 3 - ئايغىچە بۇ يەردە ساياھەتچىلەر ئەڭ ئىنتىزار بولغان شىمالىي قۇتۇپ نۇرى پەيدا بولىدۇ. يەرلىك كىشىلەرنىڭ كىچىك ياغاچ ئۆيىدە تۇرغاندا، تەلىيى ئوڭدىن كەلسە يېشىل ھەتتا ھال رەڭلىك نۇر بەلبېغىنىڭ كېچە ئاسمىنىنى يېرىپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.


شۇڭا,2019ـ يىلى يەرلىك كىشىلەر نورۋېگىيە ئوسلو پارلامېنتىغا بىرلىشىپ خەت يېزىپ، ئارالدىكى ۋاقىت تۈزۈمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، تېخىمۇ جانلىق ھالدا ئىشقا بېرىش، ئوقۇش ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئاھالىلەر قول سائىتىنى ئېلىۋېتىپ، سائەتنى تاشلىۋەتتى ھەمدە قول سائىتىنى ئارال بىلەن قۇرۇقلۇقنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈككە تاقىدى.
ھازىر نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ئارالغا چىقىشتىن بۇرۇن بۇ ئادەتنى دورايدۇ. خۇددى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر كۆۋرۈككە قۇلۇپ ئېسىشقا ئادەتلەنگەنگە ئوخشاش، سومالوي ئارىلىغا بېرىپ ئاسما سائەتكە ئالماشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ۋاقىتنى ئۇنتۇش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.


ساياھەتچىلەر ئارالغا چىقىپ «ۋاقىت بىلەن خوشلىشىش» نى ھېس قىلغاندىن باشقا، يەنە سومالوي ئارىلى ئەتراپىدىكى ھەيۋەتلىك كەڭ دېڭىز قولتۇقى، ئەگرى - بۈگرى دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى،ساپ كۆك ئاسمان، چوڭقۇر - تېيىزلىقى ئوخشاش بولمىغان ئوتلاق،شۇنداقلا ئاددىي - ساددا ھەم بالىلار چۆچىكىدىكى رەڭلىك كىچىك ياغاچ ئۆي،بارلىق ھەممىسى ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. بۇ يەردە ھېچقانداق بۇلغىنىش بولمىغاچقا، بارلىق مەنزىرىلەر ئىنتايىن ساپ بولۇپ، خۇددى غايىۋى جەننەتكە ئوخشايدۇ. قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەر ئارالدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىللە دېڭىزغا چىقىپ بېلىق تۇتالايدۇ،ياكى تەجرىبىسى مول كىت مۇتەخەسسىسلىرىگە ئەگىشىپ دېڭىزغا چىقىپ كىتنى تاماشا قىلىدۇ.

سومالوي ئارىلىغا بېرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن نورۋېگىيەنىڭ شىمالىدىكى پورت شەھىرى ترومسېغا بېرىپ، ئاندىن ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا يېتىپ بېرىش كېرەك. ترومسې + ياز ئارىلىمۇ شۇ جايدىكى ئىنتايىن پىشقان ساياھەت لىنىيىسى. ھەر كۈنى ۋاقىت قوغلايدىغان شەھەرلىكلەرگە نىسبەتەن، ئاندا ـ ساندا بىر ـ ئىككى كۈن سەرپ قىلىپ ئارالغا چىقىپ خوشلىشىش ۋاقتىمۇ ئارام ئېلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. ئاستىدىكى ئېلاننى چېكىپ قۇيۇڭ


