
گۈل ـ غۇنچىلار كېتەركەن توزۇپ
ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۈزەي دېگەندە .
دۇتتارنىڭ ھەم تارىسى ئۈزۈك ،
ئۆز كۈيۈڭگە چالاي دېگەندە .

قالماس ئىكەن تېنىڭدە مادار ،
ئېگىز داۋان ئاشاي دېگەندە .
قاغجىرىغان دەشتى ـ چۆللەرگە ،
دەريا بولۇپ تاشاي دېگەندە .
تۇرمۇش غىمى بەرمەسكەن ئىمكان ،
پۇتۇڭ سۇنۇپ ياتاي دېگەندە .
تالاي ئىشلار تۇراركەن كۈتۈپ ، سەن غەملەردىن قاچاي دېگەندە .

ئاتاـ ئاناڭ كېتەركەن تاشلاپ ،
سەن قەدرىگە يېتەي دېگەندە .
ئاندىن ھىجران كېلەركەن ماراپ ،
بەخىت پەيزى سۈرەي دېگەندە .
ئاق چاچ بوۋاي بولاركەن يىگىت ،
ئۆزـ ئۆزىنى تۈزەي دېگەندە .
ياشلىقىدا كۆيگەن نىگارنىڭ ،
لېۋىدىن گۈل ئۈزەي دېگەندە .

ئايلىناركەن مومايغا قىزلار ،
ئەمدى ئارام ئالاي دېگەندە .
ياراشماسكەن تاۋارـ دۇردۇنلار ،
ئالتۇن ھالقا سالاي دېگەندە .
دوسلارنىڭمۇ ئىزى ئۆچەركەن ،
سەن سېىغىنىپ كۆرەي دېگەندە .
سەندىن ئامەت تىزلا كۆچەركەن ،
ئۆز ـ ئۆزۈڭنى سۆيەي دېگەندە.…


