大数跨境

بۇ تەبئىي گىرىملەرنى سىناپ بېقىڭ تېخىمۇ چىرايلىق بوپ كېتىسىز

بۇ تەبئىي گىرىملەرنى سىناپ بېقىڭ تېخىمۇ چىرايلىق بوپ كېتىسىز EMINBIZ
2022-04-09
0



ئارام ئالغاندا بۇ تەبئىي گىرىملەرنى سىناپ بېقىڭ

تېخىمۇ چىرايلىق بوپ كېتىسىز 

1. قۇرغاق تېرىگە گىرىم قىلىشتىن بۇرۇن نەملىك ساقلاش يۈزلۈكى چاپلاڭ

5 كۈندىلا تېرىڭىز نەمخۇش بولۇپ ، ماي ياخشى سىڭىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ.يۈزلۈككە نەملىك ساقلاش تىپىدىكى ياخشىراق يۈزلۈكنى تاللاڭ .

2. بۇرۇن ئەتراپىدىكى كانىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تۇخۇم ئېقىسۈرۈڭ ئۈنۈمىنى بىر كۈندىلا كۆرەلەيسىز.ئەلىۋەتتە ئىشلىتىپ ئەتىسى ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن ،بىر تال تۇخۇمنى چېقىپ ،ئېقىنى ئايرىۋېلىپ بۇرۇن ئۈستىگە سۈركەيمىز ، ئاندىن يۇمشاق گىرىم قەغىزىنى تۇخۇم سۈركىگەن يەرگەچاپلاپ 10-15 مىنۇتقىچە تۇرغۇزساق ، قەغەز قۇرۇيدۇ، ئاندىن قەغەزنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ سويۇپ ئېلىۋېتىمىز،ئاندىن ئىسپىرىت قوشۇلمىغان گىرىم سۈيى سۈرلىۋالساقلا كانا تۇلۇق تازىلانغان بولىدۇ.

3.گىرىم قىلسىڭىز ئېچىلماس بوپ قالغان ۋاقتىڭىزدا 6 كۈن گىرىم قىلماي يۈرسىڭىز گىرىم قىلسىڭىز تېخىمۇ ئېچىلىپ كېتىدىغان بوپ كېتىسىز.قاراپ باقساق ئادەتتە دائىم گىرىم قىلمايدىغان قىزلار گىرىم قىلىپ قالسا شۇنداق ئېچىلىپ كېتىدۇ، ئادەتتە ھەركۈنى گىرىم قىلىپ يۈرىدىغان قىزلارنىڭ تېرىسىدىكى تەرتۆشۈكچىلىرى ئېتىلىپ قالغاندا گىرىم سىڭمەس بوپ قالىدۇ، قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ،بۇنداق ۋاقىتتا ئازىراق ئەڭلىك سۈرۈپ قېشىنى ئازىراق سىزىۋېلىپلا 6 كۈن«ئادەتتىكى» قىزلاردەك يۈرسە 6 كۈندىن كىيىن قىلغان گىرىمى ئالاھىدە سىڭىپ چىرايى تېخىمۇ ئېچىلىدۇ.

4.يۈزتېرىسى نۇرسىز خۇنۈك بوپ قالسا سۈتتە يۇزنى يۇيۇپ ئاندىن گىرىم قىلسابولىدۇ.سۈتنىڭ تېرىنى ئاقارتىش،سىلىقلاشتۇرۇش رولى بار، شۇڭا سۈتتە يۈزنى يۇيغاندىن كىيىن ئۇپا سۈرسىمۇ ياخشى سىڭىدۇ، ئەمما يۈزىڭىزنى سۈتتە يۇيۇشتىن بۇرۇن، چۇقۇم يۇز يۇيۇش مەلھىمىدە يۇزنى يۇيۇپ تېرىدىكى ئەخلەتلەر چىقىپ كەتكەندىن كىيىن سۈتتە يۇيۇڭ.

يەنى ئاۋال مۇۋاپىق مىقداردىكى سۈتنى قاچىغا قۇيۇپ ،ئاندىن پاكىز لۆڭگىنى سۈتكە چىلاپ ،لۆڭگىنى يۈزگە 3 مىنۇت ئەتراپىدا تۇتۇپ ئاندىن سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۋەتسەكلابولىدۇ.


5.كۆز خالتىسى پەيدا بولۇشقا ،ياستۇقنى ئېگىز قويۇپ ئۇخلاش ئارقىلىق تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.


6.ئەگەر يۈز مېيىڭىز يۈزىڭىزنى كۆڭلىڭىزدىكىدەك نەمخۇش قىلالمىغان بولسا ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋىتامىن E نى يۈز مايغا ئارىلاشتۇرۇپ سۈركەڭ، بۇنداق قىلغاننىڭ قورۇقنى يوقىتىش رولى بار.


سىز يەنە قانداق ئەپچىل چارىلەرنى بىلىسىز ؟

 سالونىمىزدا ئورتاقلىشىڭ !!!



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0