大数跨境

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقتى، خۇش خەۋەر بار

ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقتى، خۇش خەۋەر بار EMINBIZ
2022-04-23
0


ئادەتتە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزىنىڭ ئىدارىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرىدۇ، ئۆزى ئاز بىر قىسمىنى تاپشۇرسىلا، ئىدارە قالغان قىسمىنى تاپشۇرۇپ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش، تۇغۇت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك كاپالەتكە ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن يەككە تىجارەتچى، ۋاقىتلىق ئىشچى قاتارلىق مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، كىرىمىمۇ مۇقىم بولمىغان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغان. ھازىر ئېلىمىزدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 200 مىليونغا يەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سان يەنە تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا دۆلىتىمىزدە نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار بار؟

بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن ياشلار زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلىسە ئىش ھەققى يۇقىرى ئەمەس، يەنە كېلىپ ھەرخىل تۈزۈم-بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان ياخشى، دەپ ئويلاپ، زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھازىر 40-50 ياشلىقلارنىڭ ئۆزى رازى بولغۇدەك خىزمەت تاپمىقى تەس. نۆۋەتتە، كۆپ ساندىكى كارخانىلار پەقەت 35ياشتىن تۆۋەن ياشلارنى ئىشلىتىدۇ. چۈنكى، ياشلارنىڭ زېھنىي كۈچى ۋە جىسمانىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۆگىنىش ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشمۇ ئاسان بولىدۇ، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا يېشى چوڭراق ئىشچى-خىزمەتچىلەر نىسبەتەن ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا 40-50 ياشلىقلار تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئىشچى ياكى يەككە تىجارەتچى بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.

جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ مۇقىم خىزمىتى بولمىغاچقا، كىرىمىمۇ مۇقىم بولمايدۇ. يەنە كىلىپ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ئاكتىپلىقىمۇ يۇقىرى بولمايدۇ، كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇپ باقمىغان. يەنە بەزى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار پۇلى بار ۋاقتىدا بىر مەزگىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇپ، پۇلى يوق چاغدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇشنى ئۈزۈپ قويىدۇ. لېكىن دۆلىتىمىزدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 200 مىليونغا يەتتى، ئەگەر بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرمىسا، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بۇ بىر چوڭ ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغان.

جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز 2022-يىلى ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ئالاقىدار يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىشنى قارار قىلدى، بۇ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۈچۈن زور پايدىلىق:

بىرىنچى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار باشقا جايدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرسا بولىدۇ. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئۆز يۇرتىدا بېجىرىپ، باشقا جايغا ئىشلىگىلى ياكى تىجارەت قىلغىلى بارغاندا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى شۇ جايدا تاپشۇرسا بولىدۇ.

ئىككىنچى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش نىسبىتى ئىلگىرىكى %24 تىن %20 كە چۈشۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرۇش بېسىمى زور دەرىجىدە يېنىكلىدى. ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوخشىمىغان ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۆپ خىل ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى تەسىس قىلدى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۆزىنىڭ كىرىم ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلى ئۆلچىمىنى تاللاپ تاپشۇرسا بولىدۇ. يەنى، كىرىمى يۇقىرىلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى كۆپ تاپشۇرسا بولىدۇ، كىرىمى ئادەتتىكىچە بولغانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئازراق تاپشۇرۇشنى تاللىسا بولىدۇ.

ئۈچىنچى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى ئالالايدۇ. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىمىسى ئالالايدىغانلىقىنى، بۇ پۇلنىڭ ھەر يىلى نەچچە مىڭ يۈەندىن نەچچە ئون مىڭ يۈەنگىچە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا تەمىنلىگەن بىر تۈرلۈك پاراۋانلىقى بولۇپ، قانچىلىك تولۇقلىما بېرىش توغرىسىدا جايلارنىڭ سىياسىتى ئوخشاش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تولۇقلىما ئېلىش شەرتىمۇ ئوخشاش ئەمەس. شۇڭا كۆپچىلىك ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ باقسا بولىدۇ.

يىغىنچاقلىساق، ھازىر ئېلىمىزدە 200 مىليوندىن ئارتۇق جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچى بار، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت مەسىلىسى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. بۇ يىل دۆلىتىمىز يېڭى ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتىنى يولغا قويدى، يەنى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار باشقا جايدا ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلى تاپشۇرسا بولىدۇ. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىلدى. يەنە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ئىجتىمائىي كاپالەت تولۇقلىمىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش بېسىمى يېنىكلىتىلدى. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان دوستلار ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرىغا بېرىپ بۇ تولۇقلىمىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقسا بولىدۇ.

【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0