

باش:ـــــــــــــــــ ئىشلىگىنى گۆھەرگە ، ئىشلىمىگىنى قاپاققا ئوخشايدىغان شەكىلداش نەرسە

قاش:ــــــــــــــــ ئاياللار ھەر كۈنى قارايتىپ ھارمايدىغان، ئەرلەرنىڭ زادىلا كارى بولمايدىغان نەرسە.

كۆز:ـــــــــــــــ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ، ئۆزگىنىڭ ئەيبىنى كۆرىدىغان كۆڭۈل ئەينىكى.

يۈز:ـــــــــــــ ئەسلىدە بىر بولسىمۇ ، بەزىلەر جان بىقىش ئۈچۈن ئىككىگە كۆپەيتىۋالغان نامايەندە.

بۇرۇن:ــــــــــ مەيلى گۈللۈك، مەيلى ھاجەتخانىغا كىرسۇن دەسلەپتە پۇراقنى توغرا سەزسىمۇ كىيىن ئاستا- ئاستا سەزگۈسىنى يوقىتىپ ئاسانلا كۆنۈپ كىتىدىغان بىچارە. 
قۇلاق:ــــــــــــ ئەرلەر ئۈچۈن بىرلا تۈردە خىزمەت قىلسا ، ئاياللار ئۈچۈن ئىككى خىل خىزمەت قىلىدىغان ئەڭ سادىق چاكار.

ئېغىز:ــــــــ تاللاپ كىرگۈزۈپ، ئويلىماي چىقىرىدىغان بىردىنبىر كۆچمە ئۆتكەل.

تىل:ــــــــــــــــ ئەگەر 32 تال قوزۇقنىڭ ئىچىگە بەنىت قىلىۋىتىلمىگەن بولسا ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ بىشىغا چىقىدىغان تەنتەك.

گال:ــــــــــــــ ئىسمى بىلەن جىسمى زادىلا بىر- بىرىگە ماس كەلمەيدىغان، ئەگەر ماس كىلىپ قالسا ئادەمنى يا ئاچلىقتىن يا توقلىقتىن ئۆلتۈرىدىغان ئەزا.

قول:ـــــــــــــ پەقەت مايمۇن بىلەن ئادەمگىلا خاس بولغان ئونۋىرسال قورال.

پۇت:ـــــــــــــ ئىشلىمىگەن باشنىڭ دەردىنى يىتىپ ئاشقۇچە تارتىپ قاپىرىپ كېتىدىغان بىچارە. 
ئادەم:ــــــــــــــــــــــــــ ‹‹ دەريا›› نىڭ ئۇ قىتىدىكى چاغدا بۇ قاتقا ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان، بۇ قاتتا بولسا ئۇ قاتقا ئۆتۈشنىڭ كويىدا ھېرىپ ھالىدىن كىتىدىغان ، ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەندە بولسا پۇشايمان بىلەن بۇ دۇنيادىن كىتىدىغان ئەڭ ئەقىللىق ھەم ئەڭ دۆت بىر مەخلۇق.


