大数跨境

ئامېرىكىدا نېمىشقا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاساسەن ھەق ئېلىنمايدۇ

ئامېرىكىدا نېمىشقا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاساسەن ھەق ئېلىنمايدۇ EMINBIZ
2022-04-23
0


يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەق ئېلىش خەلق تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئالىدىغان ھەق قانچە يۇقىرى بولسا، مال باھاسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى ئەشيا ئوبوروت تەننەرخى ئەڭ ئاخىرىدا تاۋار باھاسىغا چېچىۋېتىلىدۇ. شۇڭا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەق ئېلىش-ئالماسلىق بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقماي ماشىنا ھەيدىگەن تەقدىردىمۇ باشقا جەھەتلەردە بىزگە ھامان تەسىرى بولىدۇ. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىش كۆپچىلىكنىڭ سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشىدىكى بىر مۇھىم تاللىشىغا ئايلاندى. لېكىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەققى ئالدىدا، نۇرغۇن كىشىلەر يا كۆرۈپلا كەينىگە داجىيدۇ، يا قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتنى تاللايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت بۇ بىرنەچچە يىلدا بەزى تەڭشەشلەرنى ئېلىپ باردى. مەسىلەن، بايراملىق دەم ئېلىشتا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەق ئالماسلىق يولغا قويۇلدى. ھەر يىلى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەتكە چىقىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، لېكىن چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز ساياھەت قىلىشمۇ بەزى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نۇرغۇن ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ چىققان ساياھەتلەر ئاخىرىدا «يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ساياھىتى»گە ئايلىنىپ قالدى.

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دېگۈدەك ھەقسىز. ئامېرىكىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 100 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، لېكىن ھەق ئېلىنىدىغىنى ئاران 8000 كىلومېتىر ئەتراپىدا. ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىمۇ ئەرزان. ھەق ئېلىنىدىغان يول بۆلەكلىرى ئومۇمىي يول بۆلىكىنىڭ %10گىمۇ يەتمەيدۇ، ئاساسلىقى شەرقىي قىسىمدىكى شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن. ئامېرىكىدىكى 50 شتاتنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتى تەسىس قىلىنغىنى 26 شتات بولۇپ، پەقەت قىسمەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىنلا ھەق ئېلىنىدۇ.

2018-يىلىغا كەلگەندە، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 140 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى؛ ھەق ئېلىنىدىغان يول بۆلەكلىرىمۇ 100 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، ئوخشاشلا دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنىڭ سانىمۇ دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرىدا ئاساسەن ھەق ئېلىنمايدۇ، بىزدە بولسا ھەق ئېلىنىدۇ؟

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە مەبلىغىگە تايىنىدۇ. بۇ ئەسلىدىنلا ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە بولۇپ، پۇل ئاساسلىقى يېقىلغۇ ماي بېجىدىن كېلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىچى ئۇزۇنغىچە تىنچ مەزگىللەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولۇپ، تاما-تاما كۆل بولۇر دېگەندەك بايلىقى ئۈزلۈكسىز توپلىنىپ كەلگەن. ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئاساسلىقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن 70-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ياسالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ھەق ئېلىش تاشيوللىرىمۇ بار، يەنى خۇسۇسىيلار ياساپ تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن قايتا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان تاشيوللار. بۇ قۇرۇلۇشلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدا باشلانغان. ئامېرىكىدا ئەلۋەتتە ھەقلىق تاشيوللارمۇ بار. بۇ تۈردىكى تاشيوللاردا ماشىنا ئېقىمى بەكلا بېسىق بولغاچقا، يولنىڭ ئىشلىتىلىش قېتىم سانىنى كونترول قىلىش ئۈچۈنلا ھەق ئېلىش پونكىتلىرى تەسىس قىلىنغان.

دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرى بولسا، ئاساسلىقى قەرز پۇل ئېلىپ قۇرۇلۇش قىلىنىپ، يولدىن ھەق ئېلىش ئارقىلىق قەرز قايتۇرۇلىدۇ. جۇڭگو بۇ ئەندىزە ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە قۇرۇپ چىقتى، كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياساش ئارقىلىق ئون نەچچە يىلدىلا دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولدى. لېكىن بۇنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلى بولسا قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەق ئېلىش بولدى.

يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تەرەققىياتىنىڭ ۋاقتى ئامېرىكىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىسقا، تەرەققىيات سۈرئىتى بەكلا تېز. بۇنچە زور قۇرۇلۇشلارغا مالىيە مەبلىغى تىرەك بولالمايدۇ، شۇڭا پەقەت بانكىدىن قەرز ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. قەرز پۇل ئالغاندىن كېيىن پۇل ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇلىدۇ، مانا بۇ بىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللىرىمىزدىن ھەق ئېلىنىشى، ئامېرىكىدا ئاساسەن ھەق ئېلىنماسلىقىنىڭ تۈپكى سەۋەبى.



【声明】内容源于网络
0
0
EMINBIZ
内容 0
粉丝 0
EMINBIZ
总阅读0
粉丝0
内容0