

ساغلاملىقىڭىزغائەمىن بىز ھەمراھ
تۇرمۇشىمىزدا بەزى كىشىلەر دائىم دېگۈدەك يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كەتسە، ئاغزى قۇرۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، نەپەسلەنگەندە ئاغزىغا ئوت كەتكەندەك ھېس قىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ سۇ ئىچىشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداقتا ئۇخلىغاندا ئېغىز قۇرۇش نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟

نۆۋەتتە ئۇخلىغاندا ئېغىز قۇرغاقلىشىشنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ، بۇ ھەم فىزىيولوگىيەلىك تۇرمۇش ئامىللىرىدىن كېلىپ چىققان، ھەم بەزى كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىققان، بۇنى كونكرېت ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئۇخلاش مۇھىتى بىر قەدەر قۇرغاق بولسا ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن زىيادە تۇزلۇق نەرسىلەرنى يېسە ۋە ياكى ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچسە كۈندۈزى يېتەرلىك سۇ تولۇقلانمىغاچقا، يېرىم كېچىدە ئاغزى قۇرۇپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۇنداق چاغدا مۇۋاپىق مۇھىت ئالماشتۇرۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ تولۇقلاش، ئەڭ ياخشىسى قايناق سۇ ئىچىش كېرەك، چۈنكى سوغۇق ئىچىملىك بىلەن چاي ئىچكەندە بەدەنگە سۇ تولۇقلاپ، ئېغىزنىڭ قۇرغاقلىقىنى تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئېنىق سەۋەب بولمىسا، يېرىم كېچىگىچە ئۇخلىغاندا ئېغىز قۇرغاقلىشىشىۋەرسە، ئۇنداقتا بۇ كېسەللىكنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن. بۇ چاغدا دەرھال دوختۇرخانىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمى، نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىق كۆپ بۆلۈملەرگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ، سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

ئۇخلاپ يېرىم كېچىدە ئېغىز قۇرۇش ۋە تىل قۇرغاقلىشىشنىڭ سەۋەبلىرى ئاساسلىقى بۇرۇن بوشلۇقى كېسەللىكلىرى، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى، دىيابېت كېسىلى، توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ۋە ھەر خىل يۇقۇملىنىش قاتارلىقلاردىن پەيدا بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر يېرىم كېچىدە ئېغىز قۇرغاقلىشىشنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئېنىقلانسا دەرھال داۋالىنىش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، يېرىم كېچىدە ئۇخلىغاندا ئېغىز قۇرۇش ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۈندۈزى روھىي چۈشكۈنلۈك، چارچاپ ئۇيقۇسىراش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاسانلا كېسەل بولۇپ، سېمىزلىك كېسلى، دىيابېت كېسىلى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە ئۆسمىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

